مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2021.04.19 18:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تېلېگرامما ئەۋەتىپ، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيى ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى كۇبانىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كۇبا خەلقىنى يېتەكلەپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. يېڭى ۋەزىيەتتە، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 8-قۇرۇلتاينى ئېچىشى نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارىتا، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشىنىمىزكى، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي كۇباچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم يېتەكچىلىك ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، كۇبا بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-كۇبا دوستلۇق ئەنئەنىسىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ، جۇڭگو-كۇبا سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 8-قۇرۇلتىيىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا تىلەكداشمىز!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ