مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار يەنە ھەرىكەت قىلسا، كۆپچىلىك پاش قىلىشقا بولىدۇ!

2021.04.19 11:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 19- چېسلا جەمئىيەتكە بىر تۈركۈم يەرلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قانۇن بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرغان بىر قىسىم قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر مەدەنىيەت-سەنئەت كۆرگەزمە پائالىيىتى كومىتېتى، جۇڭگو پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە ئۈنۈمىنى رېۋىزىيە قىلىش تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق 78 ئورۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى جەمئىيەتتىكى ئاممىغا تىزىملىكتىكى قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ يەنىلا پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا دېلو مەلۇم قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار ئاپپاراتلار ۋە جەمئىيەتتىكى ئاممىغا ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلاشقاندا ياكى ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندا، "جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى" (www.chinanpo.gov.cn)، "جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكەت ھالىتى" ھۆكۈمەت ئىشلىرى ئۈندىدار سۇپىسى(ئۈندىدار نومۇرى chinanpogov) ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ۋە ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ بىزنى"جۇڭگو ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى" ئارقىلىق، قانۇنسىز ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەرىكىتىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشىنى قارشى ئالىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ