خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكا-ياپونىيە رەھبەرلىرى بىرلەشمە باياناتىنىڭ جۇڭگوغا چېتىلىدىغان پاسسىپ مەزمۇنى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى.
سوئال: ئامېرىكا شەرق ۋاقتى 4- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئامېرىكا-ياپونىيە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ قوشما بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەن، دياۋيۈ ئارىلى، شياڭگاڭ ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار ئىشلار، ھەمدە جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: تەيۋەن، دياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ زېمىنى. شياڭگاڭ ۋە شىنجاڭغا ئالاقىدار ئىشلار پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشىدۇر. جۇڭگو جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەسىدە مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئىگە. ئامېرىكا-ياپونىيە قوشما باياناتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلدى. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى، ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ئامېرىكا ۋە ياپونىيەگە كەسكىن مەيدانىنى بىلدۈردى.
بىز ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن جۇڭگو كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشنى، جۇڭگونىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشنى دەرھال توختىتىشنى تەلەپ قىلىمىز. جۇڭگو بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ