خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى «پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى 2021-يىللىق تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى. «ئۇقتۇرۇش»تا، 2020- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بەلگىلىمە بويىچە بېجىرگەن ھەمدە كارخانا، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىقىپ ئايمۇئاي ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى سەۋىيەسىنى 2021-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۆستۈرۈش، ئومۇمىي جەھەتتىن تەڭشەش سەۋىيەسىنى پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ 2020-يىلدىكى ئايلىق ئوتتۇرىچە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىدا %4.5 ئۆستۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئۇقتۇرۇشتا جايلاردىن كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، تەڭشەپ كۆپەيتىلگەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تېزدىن پېنسىيونېرلارغا تارقىتىپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ