مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گەپ-سۆزى ئارقىلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنى پاراكەندە قىلغان بۇ ئادەمنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتى بىكار قىلىندى

2021.04.16 18:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ۋۇخەن داشۆسى پارتكومى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى تور بېكىتىنىڭ 4-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋۇخەن داشۆسى پارتكومى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى بۆلۈمى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى «پەن تەتقىقات خادىمىنىڭ گەپ-سۆزى ئارقىلىق قىز ئوقۇغۇچىلارنى پاراكەندە قىلىشقا چېتىشلىق بولۇش» ھەققىدىكى بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان.

  ۋۇخەن داشۆسى يېقىندا مەكتىپىمىز ھايۋانات تەجرىبە مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياڭ فامىلىلىكنىڭ پاش قىلىشى ۋە توردا ئىنكاس قىلىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. مەكتەپ دەرھال مەخسۇس خىزمەت گورۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئەستايىدىل، كەسكىن قانات يايدۇردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ياڭ فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. دۆلەت ۋە مەكتەپنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، مەكتەپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ياڭ فامىلىلىكنى خىزمەتتىن بوشىتىشنى ھەمدە تەرتىپ بويىچە مۇناسىۋەتلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشقا يوللاشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ