مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇنداق «مەدەنىي ئارام ئېلىش» بەك ياۋايىلىقتۇر

2021.04.15 19:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۇ ئىچىشى ۋە ھاجەتخانىغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن باشقا، ئۇلارنى بىنادىن چۈشۈشكە يول قويماي، دەرس ئارىلىقىدا پەقەت سىنىپتا ئالدى-كەينىدىكى پارتىداش ساۋاقداشلار بىلەن پاراڭلىشىشقا رۇخسەت قىلغان، ھەر بىر قەۋەتتە يەنە نۆۋەتچى ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، دەرس ئارىلىقىدا كارىدوردا چارلىغان... يېقىندا، تاراتقۇلار ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان «دەرس ئارىلىقىدا سىنىپقا سولىۋېلىش» ھادىسىسىنى خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر دەرس ئارىلىقىدىكى 10 مىنۇتنى بالىلارغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنى ئوقۇتۇش بىناسىدىن چىقىپ ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

  شوخ بالىلار دەرس ئارىلىقىدا پەسكە چۈشۈپ خۇشال ئوينىسا بولمامدۇ؟ بۇ خۇددى ئۇلارنى تۈرمىگە سولاپ قويۇشقا ئوخشاپ قالماقتا. نۇرغۇن مەكتەپلەر ئىنتىزامنى تەكىتلەشنى باھانە قىلىپ، بارلىق ئاماللار بىلەن ھەرىكەتچان ئوقۇغۇچىلارنى تىنچلاندۇرۇپ، بۇنى «مەدەنىي ئارام ئېلىش» دەپ ئاتىدى. قارىماققا، بالىلار دەم ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇنداق قىلىش ماھىيەتتە مەدەنىيەت تونىغا ئورۇنىۋالغان «ياۋايىلىق»: بۇنداق قىلمىش بالىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدىكى ئەركىن پائالىيەت قىلىش ھوقۇقىنى ياۋايىلىق بىلەن تارتىۋېلىپ، بالىلارنىڭ قانداق ئۇسۇلنى تاللاپ ئويناش ھوقۇقىغا ياۋايىلىق بىلەن ئارىلىشىۋېلىپ، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدىكى ئويۇن ئارقىلىق دوست تۇتۇش ھوقۇقىنى ياۋايىلىق بىلەن توسماقتا.

  ساغلام بەدەن ۋە قەلب − بالىلارنىڭ ئۆگىنىش تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ئاساسى. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش قەدىمدىن تارتىپ تارقىلىپ كەلگەن ئۆگىنىشنىڭ ياخشى چارىسى، بۇ، ئۆگىنىشكە دەخلى يەتكۈزمەيلا قالماستىن، بەلكى بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، بالىلار دەرس ئارىلىقىدا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئالسا، دەرستە تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنەلەيدۇ؛ مەكتەپتە ئويۇن كۆپ ھەم ئەركىن بولسا، مەكتەپنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدۇ؛ ئۆگىنىش قىزغىنلىقى تېخىمۇ قويۇق بولسا، ئۆگىنىش تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ دەرس ئارىلىقىدا ئوينىشى كۈتۈلمىگەن ئەھۋال يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، لېكىن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «دەرس ئارىلىقىدا سىنىپقا سولىۋېلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش مۇۋاپىق ئەمەس.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ