تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ھەربىي مەشىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى 8-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
يەتتە كۈن (56 سائەت)تىن كەم بولسا بولمايدۇ
2021.04.15 19:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك بۆلۈمى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەربىي مەشىق ئوقۇتۇش پىروگراممىسى»نى بېسىپ تارقاتتى، پىروگرامما 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قويۇلىدۇ. پىروگراممىغا ئاساسەن، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي مەشىق ئوقۇتۇشى ئاساسىي ھەربىي بىلىم ۋە ئاساسىي ھەربىي ماھارەتتىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇتۇش ۋاقتى يەتتە كۈندىن 14 كۈنگىچە بولىدۇ، جەمئىي يەتتە كۈن، جەمئىي 56 دەرس سائىتىدىن كەم بولسا بولمايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ