مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەكلەرنى تۈگىتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە تەس؟

2021.04.15 19:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەك يەنە پەيدا بولدى. بۇ قېتىم دوختۇرخانىدا پەيدا بولغان بولۇپ، باۋجى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش دوختۇرخانىسى بالىلار دورىخانىسىدىكى كۆزنەك بەك تۆۋەن بولغاچقا، ئامما زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندىلا دورا ئالالايدۇ. ئالاقىدار سىنلار تورغا يوللانغاندىن كېيىن، تېزلىكتە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

  ئاممىۋى پىكىر بېسىمى ئالدىدا، دوختۇرخانا تەرەپ ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، دەرھال تۈزىتىپ، كۆزنەكنىڭ ئەينىكىنى ئېلىۋەتتى، ھازىر دورا ئېلىش ئۆيى ئوچۇق كۆزنەككە ئۆزگەرتىلدى.

  ئىش چوڭ ئەمەس، يېڭىمۇ ئەمەس. لېكىن كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ۋە ئامالسىز قالدۇرىدىغىنى شۇكى، كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى ھەم مۇرەككەپ بولمىغان بۇنداق مەسىلىنى نېمە ئۈچۈن قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمەيدۇ؟ نېمىشقا بەزىلەر يەنىلا ئەستە تۇتالمايدۇ؟ نېمىشقا ھەر قېتىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن ئاندىن ھەل قىلىنىدۇ؟

  تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈرگەندە، بۇ پەقەت لايىھە مەسىلىسىلا ئەمەس. ئاممىنى تەڭقىسلىقتا قويىدىغان بۇنداق كۆزنەك ئەمەلىيەتتە ئىستىلدا راستچىل بولماسلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر، تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، كۆڭلىگە ئاممىنى پۈكمىگەنلىك، ھەتتا ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئۇنتۇپ قالغانلىق، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر.

  ھەممىگە مەلۇمكى، «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەك دېگەن بۇ سۆز ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدا قىزغىن قويۇلغان «خەلقنىڭ نامىدىن» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كەلگەن. ئېكراندا كۆرسىتىشتىن رېئاللىققا ئايلىنىشقىچە، شۇ بىر مەزگىلدە، ھەرقايسى جايلار بۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ئىنسان تەبىئىتىگە يات مۇلازىمەت كۆزنەكلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىدى، داغدۇغىسى زور، ئۈنۈمىمۇ بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى، نۇرغۇن جايلار، ئورۇنلار ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تېزدىن تۈزەتتى.

  ئاچقۇچلۇق مەسىلە شۇكى، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشى ھادىسىدىن تۈزەپ، ئايرىم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ماھىيەتتىن تۈزەش قىيىن، «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەكنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، ئىدىيەۋى قاراش جەھەتتە سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاش زۆرۈر.

  كۆزنەك گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن ئاممىۋى تارماقلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئالاقىدار تارماقلار مۇلازىمەت ئېڭىنى ھەقىقىي ئورنىتىپ ۋە كۈچەيتىپ، «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش»نى ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى ھەمدە كۈچلۈك ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بەزى ئورۇنلار، كادىرلارغا ئوخشاش «مەندىن ئىش بېجىرىشنى ئۆتۈنسەڭ، ماڭا بويسۇنۇشۇڭ كېرەك» دەيدىغان ئەمەلدار-غوجاملارنىڭ تەپەككۇرىنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتقىلى بولمىسا ئاممىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى ئويلىشىدىغان، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش ۋە ئىنسانىيلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپتىن سۆز ئاچقىلى تېخىمۇ بولمايدۇ.

  تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېيتقاندا، ئاممىۋى مۇلازىمەت تارماقلىرى، ئورۇنلار بىلەن ئامما ئارىسىدا ئۈنۈملۈك ئىپادىلەش مېخانىزمى، ئالاقىلىشىش يولى كەمچىل بولسا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلىلەرگە يولۇققاندا، ئاممىنىڭ كۆڭلىدە غەزەپ پەيدا بولىدۇ، يا دەردىنى چىقىرىدىغان جاي، ئىنكاس قايتۇرىدىغان ئورۇن يوق، يا ۋاقىت، كۈچ ئىسراپ بولىدۇ، ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ. قايتما ئىنكاس يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىپادىلەش مېخانىزمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىگە قارىتا تۈزۈملەشكەن، دائىملاشقان ئۈنۈملۈك نازارەتچىلىكنى شەكىللەندۈرگەندىلا، ئاندىن ئاممىنى تەڭلىكتە قويۇۋاتقان «دىڭ يىجېن شەكلىدىكى» كۆزنەكنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشتىن ئۈمىد بار بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ