مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەكۈنلەيلى

−− پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا

2021.04.15 19:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلا، ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بىز قانچە تەرەققىي قىلىپ زورايساق، دۇچ كېلىدىغان توسالغۇ ۋە بېسىم شۇنچە چوڭ بولىدۇ، دۇچ كېلىدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، پارتىيەمىزنىڭ قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلىگەنلىكىدىكى ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا ئۈزلۈكسىز تۈردە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، قابىلىيەتنى ئۆستۈرگەنلىكى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش، خىرىسنى كۈتۈۋېلىش، خەۋپ-خەتەرنى بىخەتەرلىككە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى-سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەنلىكىدۇر. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن بولغان تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇشتا جەزمەن تارىختىن ئىلھام ئېلىپ، تارىخىي تەجرىبىلەردىن دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىش ئەڭگۈشتەرىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەكۈنلەپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى-سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  100 يىللىق قار-شىۋىرغان، 100 يىللىق بوران-چاپقۇن. 100 يىلدىن بۇيان، ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن، قانداق دەھشەتلىك دولقۇنغا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، كۈرەش نىشانىنى بېكىتىپ، توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلىدى. 100 يىللىق داۋاملىق كۈرەش قىلىش داۋامىدا، پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ يول ئاچتى، ئۇلۇغ تۆھپە ياراتتى، ئۇلۇغ روھنى ياراتتى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى. پارتىيەنىڭ تەجرىبىلىرى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، كىتابتىن كۆچۈرۈلگەنمۇ ئەمەس، بەلكى پارتىيەمىز جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈش، بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرۈشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك ئىزدىنىش داۋامىدا توپلىغان، ئۇنىڭدا مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت، قان-تەر، ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت مۇجەسسەملەنگەن.

  شۇ يىللاردا، يولداش ماۋ زېدۇڭ ئىنقىلابىي كۈرەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، بىرلىك سەپ، قوراللىق كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتىكى «ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەر»گە يىغىنچاقلىدى، بۇلار پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىدى، تا ھازىرغىچە مۇھىم رول ئوينىماقتا. يولداش دېڭ شياۋپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش − بۇ دەل بىز ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقارغان ئاساسىي يەكۈندۇر.» يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلاب دەۋرىدە مۇشۇنداق مېڭىپ كەلگەن، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش دەۋرىدىمۇ مۇشۇنداق مېڭىپ كەلگەن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تارىخىي يېڭى دەۋرىدىمۇ مۇشۇنداق مېڭىپ كەلدۇق. ئۆتمۈشتىكى كۈرەش يولىغا قايتا نەزەر سېلىپ، ئالدىمىزدىكى ئىلگىرىلەش يولىغا قارىغىنىمىزدا، بىز چوقۇم پارتىيەنىڭ تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا يەنىلا نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەل ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكىمۇ بار، خەلقئارادىكى خىرىسلارمۇ بار، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكىمۇ بار، تەبىئەت دۇنياسىدىن كەلگەنلىرى بار، ئەنئەنىۋىلىرىمۇ بار، غەيرىي ئەنئەنىۋىلىرىمۇ بار، «قارا ئاق قۇ»، «كۈل رەڭ كەركىدان»لارمۇ يەنە تاسادىپىي كېلىپ قالىدۇ.

  100 يىللىق مۇساپىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز كۈلپەت ئىچىدە تۇغۇلغان، كۈلپەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، كۈلپەت ئىچىدە زورايغان پارتىيە، پارتىيە ئىشلىرى ھەمىشە تۈرلۈك قىيىنچىلىق، خىرىسلارنى يېڭىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ. 1945-يىلى يولداش ماۋ زېدۇڭ پارتىيە 7-قۇرۇلتىيىدا خۇلاسە دوكلاتى بېرىپ، «زىيان تارتىشقا تەييارلىق كۆرۈش» قىسمىنى سۆزلىگەندە بىراقلا 17 تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا قويغان. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىملىق مۇھىم يىغىندا كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەخسۇس تەكىتلىدى. پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، زور خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش − ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشتا ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان بۇ مۇھىم تۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشنى چىقىش قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت تاقابىل تۇرۇش ئىدىيەۋى تەييارلىقى ۋە خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ، كۈرەش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، كۈرەش تەجرىبىلىرىنى بېيىتىپ، كۈرەش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، پارچىلىنىپ كېتىش، چىرىكلىشىش خەۋپىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالدىنى ئالغان تارىخىدۇر. ئۆزى ئۈستىدە دادىل ئىنقىلاب قىلىش − پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن پەزىلىتى، شۇنداقلا پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكىدۇر. پارتىيە تارىخىنى ئەسلىسەك، پارتىيەمىز دائىم ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى دادىل ئىلگىرى سۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، مەسىلىلەرگە توغرا قاراپ، كەمچىلىكلەرنى تۈگىتىپ، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ، چىرىگەن مۇسكۇللارنى يوقىتىشقا جۈرئەت قىلدى. پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر مۇشۇنداق قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈنلا، خەتەرلىك پەيتتە ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قېلىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، مەڭگۈ ئاغدۇرۇلمايدىغان ماركسىزملىق پارتىيەگە ئايلاندى.

  ئاشۇ يىللاردا، يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى پۈتۈن پارتىيەنى ئىدىيەۋى لۇشيەن ۋە سىياسىي لۇشيەن جەھەتتىن توغرىلاپ، سۇبيېكتىپچىلىق، مەزھەپچىلىك، پارتىيە باگۇسىنى تۈگىتىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى تىرىشىش يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە غايەت زور تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. نۇرغۇن دېموكراتىك زاتلار: «جۇڭگونىڭ ئۈمىدى يەنئەندە» دېيىشتى. تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك سەۋىيەسى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە تاقابىل تۇرۇش، ئاينىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەمىزنىڭ دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان تارىخىي مۇساپىدە باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىغا، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تايانچىسىغا ئايلىنىشىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تارىخنى ئۆگىنىشتە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيىتى، ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى ئويغىتىپ، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە ئېزىپ قالماسلىقىمىز، مۈشكۈل كۈرەش ئالدىدا چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك. 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ سىياسىي خىسلىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇلۇغ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابنى ئىلگىرى سۈرۈش، باشتىن-ئاخىر ئىنقىلابىي غايە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىسى خەلق ئۈچۈن، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، پارتىيەنىڭ خەلق ئارمىيەسىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبىلەرنى توپلىدى.

  پارتىيەنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، جاپالىق مۇساپىسى، تارىخىي تەجرىبىسى، ئېسىل ئەنئەنىسىدىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قابىل» ئىكەنلىكى، ماركسىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن «كارغا كېلىدىغانلىقى»، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئىكەنلىكى قاتارلىق قائىدىلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىكى تارىخىي لوگىكا، نەزەرىيەۋى لوگىكا، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيىتى ۋە دۇنيادا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرغاندىلا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرالايمىز.

  «چوڭ يولنى بىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تارىخنى ئۆگىنىش كېرەك.» تارىخ بىلەن قەدەمداش، دەۋر بىلەن تەقدىرداش ئادەملا پارلاق كەلگۈسىگە ئېرىشەلەيدۇ. تارىخنى ئەينەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ئىرادىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخ ئارقىلىق بۈگۈننى ئۆرنەك قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ ئادەم تەربىيەلىگەندە، بىز چوقۇم قالايمىقانچىلىقتىن ئۆتۈش داۋامىدا توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، خەۋپ-خەتەر، خىرىس ئالدىدا جاسارەت-پاراسەتنى چېنىقتۇرۇپ، بوران-چاپقۇنغا قارىماي قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىرلا غەيرەتكە كېلىپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە مەنسۇپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى يارىتالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ