مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ھۆججەت-يىغىن دېڭىزى»نىڭ «پوسمىسىنى ئالماشتۇرۇپ» قايتا باش كۆتۈرۈشىدىن ھوشيار بولۇش لازىم

2021.04.14 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يىغىن ئىخچاملاندى، ھۆججەت تارقىتىش قىسقارتىلدى، مۇپەتتىش قىلىش ئازايتىلدى... مەركەزنىڭ تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈردى، ئىلگىرى ئاساسىي قاتلامنى ئۇزاق مۇددەت قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان «ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمى»، «ھەيدەكچىلىك قىلىش-يېتەكچىلىك قىلىش يامراپ كېتىش» قاتارلىق مەسىلىلەر سەل پەسەيدى. ۋەھالەنكى، مۇخبىر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، قىسمەن جايلاردا يەنىلا «يوشۇرۇن ئىش قىلىش»، «يوشۇرۇنچە كۆپەيتىش» مەسىلىسىنىڭ بارلىقىنى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش نەتىجىلىرىنى چىرىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى.

  بەزى جايلاردا، «ھۆججەت دۆۋىسى» نەچچە يىللاردىن بۇيان تۈگىمىدى. يۈكنى يېنىكلىتىشتە پەقەت رەسمىي ھۆججەتلەر ئازايتىلىپ، «پوسمىسى ئالماشقان» ئۇقتۇرۇشلار كۆپەيدى. ئەسلىدە ئىش بېجىرىش سىستېمىسىدا مېڭىشقا توغرا كېلىدىغان ياكى قىزىل ماۋزۇ قويۇشقا توغرا كېلىدىغان بەزى ھۆججەتلەر بىردىنلا ئۆزگىرىپ، ھۆججەت نومۇرى قوشۇلمايدىغان، قىزىل ماۋزۇ ئېلىۋېتىلگەن «خىزمەت خېتى» بولۇپ قالدى. بەزى جايلار، تېلېفون ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىش، ئاغزاكى كۆرسەتمە بېرىش، قەغەز ماتېرىياللارنى ئېلېكترونلۇق ئۇچۇرغا ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھۆججەت تارقىتىشنىڭ ئورنىنى ئالدى. شۇنداق قىلىپ، ھۆججەت سانى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك ئازايدى، لېكىن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى ئازايمىدى، ھەتتا ئازايماي ئەكسىچە كۆپەيدى. بۇ ئېنىقلا يۈكنى يېنىكلىتىش تەلىپىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكتۇر.

  بەزى جايلاردا، «يۇقىرىدا سىياسەت بولسا، تۆۋەندە تەدبىر بار» بولدى، «يىغىن دېڭىزى» تېخى ئەمەلدىن قالدۇرۇلماي تۇرۇپ، «نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك» ئىشلىرى يامراپ كەتتى. يىغىن سانىنى كونترول قىلىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇنداقتا يىغىن ۋاقتى ئۇزارتىلدى – چوڭ يىغىن ئارىلىقىغا كىچىك يىغىن قىستۇرۇلدى، ھەتتا مۇناسىۋەتسىز يىغىنلار باغلىنىپ ئېچىلدى، ئەسلىدە بىر سائەتلىك يىغىن بىر چۈشتىن بۇرۇن ياكى بىر كۈنگە ئۇزارتىلدى؛ نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى قىسقارتىش تەلەپ قىلىنسا، ئۇنداقتا «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»، «تەكشۈرۈش» نامىغا ئۆزگەرتىلىپ، شەكىلگە ئۆزگەرتىپ، تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىدى، ئەمەلىيەتتە ئاساسىي قاتلامنىڭ كۈتۈۋېلىش، ھەمراھ بولۇش يۈكى يېنىكلىمىدى.

  ئۆزگەرتىپ، كېمەيتىپ، «پوسما كەيدۈرىدىغان» «ھۆججەت دۆۋىسى ۋە يىغىن دېڭىزى»دىن تېخىمۇ ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك. يۈكنى يېنىكلىتىش خىزمىتى شەكىلگە ئايلىنىپ قالسا، «كېمەيتىش» تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايلا قالماستىن، يەنە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۈمىدىنى بىۋاسىتە يەردە قويىدۇ. يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ ئېغىپ كېتىشى يەنىلا شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىللەتلىرىنىڭ تەسىرىدىن بولغان. كېمەيتكىلى بولمايدىغان ھۆججەتلەر، ئېچىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان يىغىنلار بەزى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىق، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتىن قورقۇش، مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنگە ئىتتىرىش، «يەتكۈزۈش»نى «ئەمەلىيلەشتۈرۈش» دەپ قاراش، «يىغىن ئېچىش»نى «ئەھمىيەت بېرىش» دەپ قاراشتەك نەتىجە قارىشى، مەسئۇلىيەت قارىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ، ئىجرا قىلىش بىلەن كارى بولماسلىق؛ پەقەت تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇش، مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ھادىسىسى بارغانسېرى كەسكىنلىشىدۇ.

  يۈكنى يېنىكلىتىشتە مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قىيىن بولغىنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتۇر. كونا مەسىلىلەرنىڭ قايتا يۈز بېرىشى، يېڭى مەسىلىلەرنىڭ بىخلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، «سان-سېپىرلار ئارقىلىق يۈكنى يېنىكلىتىش» ۋە «ئاغزاكى يۈكنى يېنىكلىتىش»تىن قۇتۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ھەقىقىي يۈرەك ساداسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاتلانغاندىلا، ئاندىن مەسئۇلىيەتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ. بېسىمنى، يۈكنى يېنىكلىتىش تەدبىرلىرى قانچە ئەمەلىي بولسا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىشلەش، ئىگىلىك تىكلەش غەيرىتى شۇنچە ئاشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ