مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

زور مىقداردىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش يۈز بەرگەن يول ئېغىزىدا باشقۇرۇشنىڭ ناچارلىقى ئاشكارىلاندى

2021.04.14 19:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇاڭجوۋ-تەيشەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ 43 كىلومېتىرلىق بۆلىكىدىكى ئاچال ئېغىزىدا «جەمئىي 620 مىڭ ئاپتوموبىل ئىگىسى قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان، ئومۇمىي جەرىمانە 120 مىليون يۈەندىن ئاشقان». فوشەن شەھىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار 12-ئاپرېل ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇلتۇر 18-مارتتىن بۇ يىل 1-ئاپرېلغىچە، بۇ جايدىكى «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»لار قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان 184 مىڭ قېتىملىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى سۈرەتكە تارتىۋالدى؛ يول بەلگە سىزىقى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، دېدى. لېكىن تور ئەھلى ئېلان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سىندا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ ئاچا يول ئېغىزىدىكى ئاق ئەمەلىي سىزىق بىر قەدەر قىسقا بولغاچقا، كۆرۈش سېزىمىدە ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلگەن، «ئۈچ مىنۇت ئىچىدە 27 ئاپتوموبىل قائىدىگە خىلاپلىق قىلغان». 12-چېسلا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار تارماقلار خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، نەق مەيداننى تەكشۈردى.

  ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى: «بىر قانچە ئادەم قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، بەلكىم ئاپتوموبىل تېخنىكىسى مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن، نەچچە يۈز مىڭ ئادەم قائىدىگە خىلاپلىق قىلسا، يولنى لايىھەلەشتىكى مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئويلىشىش كېرەكمۇ-يوق؟» ھەقىقەتەن شۇنداق، ئەگەر بىر يول ئېغىزىدا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش قېتىم سانى كۆرۈنەرلىك ھالدا قائىدىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، فۇنكسىيەلىك تارماقلار «تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتا لاياقەتلىك بولغان» دېگەن سۆز بىلەن ئاممىنى ئەپلەپ-سەپلەپ يولغا سېلىش ئەمەس، بەلكى ئالاقىدار لايىھەلەرنىڭ ئىلمىي بولغان-بولمىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىشى كېرەك. بۇ يول ئېغىزىنى تور ئەھلى «پۇل بېسىش ماشىنىسى»، «مەشھۇر ساياھەت نۇقتىسى» دەپ مەسخىرە قىلغاندا، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈزى قىزىرىشى كېرەك.

  ئوخشاشلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «زور مىقداردىكى قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش» ھادىسىسى قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغاندىن كېيىن، يول لايىھەلەش مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، بۇ ئورۇندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، جەرىمانە قويۇلغانلارنىڭ سانى مۇناسىۋەتلىك ئەپ دېتاللىرىدىن غايىب بولغان.

  يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش جەھەتتە تالاش-تارتىش بولۇۋاتقىنى يول بەلگە سىزىقىلا ئەمەس، بەزى جايلاردىكى سىنكۆزلەر، سىگنال چىرىغى قاتارلىقلارمۇ كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى يەتكۈچە قوزغىماقتا. ئالاقىدار تارماقلار بۇنى پۇرسەت بىلىپ، خەلقتىن كەڭ دائىرىدە ئەقىل سوراپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى توسۇق نۇقتا ۋە كەمتۈك نۇقتىلارنى توغرا تېپىپ، يول قاتناش ئەسلىھەلىرىنى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ، «جەرىمانە قويۇشنى باشقۇرۇشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش» مەسىلىسىنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، يوچۇقلارنى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ تولۇقلىغىلى، ئاممىنى قاتناش باشقۇرۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ