مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەملەش ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن دېرەك بەرمەيدۇ

2021.04.14 19:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى مەلۇم قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش قېتىم سانى جەمئىي 167 مىليون 343 مىڭ قېتىم بولغان. نۆۋەتتە، جايلار مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە. نۇرغۇن جايلار ئەمەلىيەتكە ئاساسەن تۈرلۈك ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى، لېكىن يەنە ئايرىم رايونلاردا ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاددىيلاشتۇرۇش مەسىلىسى مەۋجۇت، ھەتتا بەزى شەكىلۋازلىق ئۇسۇللىرى ئاممىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

  مەسىلەن، بەزى مەكتەپ ۋە مەسئۇل تارماقلار ۋاكسىنا ئەملىتىش ئەھۋالىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش، ئوقۇش پۈتكۈزۈش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە-ئۈنۈمىنى باھالاش بىلەن باغلىۋالغان؛ بەزى ئورۇنلار قىسمەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئالاھىدە سالامەتلىك ئەھۋالىنى نەزەرگە ئالماي، ئاددىي، قوپال ھالدا بارلىق خادىملاردىن ۋاكسىنا ئەملىتىشنى تەلەپ قىلغان، ھەتتا تېخىمۇ ئېشىپ كەتكىنى شۇكى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋاكسىنا ئەملەتمىسە ئىشتىن بوشاتقان؛ يەنە بەزى جايلار كارخانىلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن مەمۇرىي ھوقۇقتىن پايدىلىنىپ، ۋاكسىنا ئەملىتىش نىسبىتىنى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتى بىلەن باغلىۋالغان... ئايرىم جايلاردا ۋاكسىنا ئەملەش جەريانىدا كۆرۈلگەن ئاددىيلاشتۇرۇش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، بارلىق خادىملاردىن ۋاكسىنا ئەملىتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىش ئەھۋاللىرىغا قارىتا، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى چوقۇم تۈزىتىش كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈردى.

  ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەملەشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتىن دېرەك بەرمەيدۇ. جەزمەن ئىلمىي روھ، ئاممىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ۋاكسىنا ئەملەشتىكى ئالاقىدار پەرھىزلەرگە سېلىشتۇرۇش لازىم، بەدەن شارائىتى ۋاكسىنا ئەملەشكە ماس كەلمەيدىغانلاردىن ۋاكسىنا ئەملىتىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلماسلىق كېرەك. ئۇنداق قىلمىغاندا، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.

  ۋاكسىنىنى تەرتىپلىك ئەملەپ، ۋاكسىنا ئەملەشكە تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش − جايلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ. مەيلى قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش بولسۇن ياكى دەرىجىگە ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ئىجرا قىلىش بولسۇن ۋە ياكى مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ تەدرىجىي ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، بۇ يېقىشلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى دەل جايىدا، ئىنچىكە بولۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى، ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى ۋىرۇس بىلەن «ۋاقىت تالىشىش» سۈرئىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھارارەتكە ئىگە قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ