مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىن ساھەسىدىكىلەر «پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئورتاق تەشەببۇسىنى چىقاردى

2021.04.14 19:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك دىنىي تەشكىلاتلار ۋە جۇڭخۇا خىرىستىيان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى، قىزلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك جەمئىيىتى «پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ئورتاق تەشەببۇسىنى چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلىشىش يولىدا مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى.

  تەشەببۇستا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، دىن ساھەسىدىكىلەر بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپى قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئىشلىرى ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىپ، دىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنى تېپىپ چىقتى. دىن ساھەسىدىكىلەر شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلار ساغلام ۋارىسلىق قىلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

  تەشەببۇستا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دىن ساھەسىدە پارتىيە تارىخى ئاساس قىلىنغان «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش پائالىيىتىنى سىستېمىلىق قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تارىخىنى نۇقتىلىق ئۆگىنىش بىلەن بىللە، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىپ، پارتىيە ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالىنى توغرا تونۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىگە بولغان ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دىنلارنىڭ پارتىيەنى ھىمايە قىلىش، ۋەتەننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىنى ياخشى قۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى دىنلارنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۆگىنىش نەتىجە-ئۈنۈمىنى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ