مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «ئۇقتۇرۇش» ئېلان قىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى باش تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلىدۇ

2021.04.12 18:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ‹مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش› ئاممىۋى باش تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەشتىكى ئاممىۋى باش تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش»نى باش تېما قىلىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان ئاممىۋى باش تېمىلىق تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ياخشى، سوتسىيالىزم ياخشى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش ياخشى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز ياخشى، ھەر مىللەت خەلقى ياخشى قاتارلىق دەۋر ئاساسىي مېلودىيەسىنى زور كۈچ بىلەن ياڭرىتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، پارتىيەنى، ۋەتەننى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، «14- بەش يىل»نى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە سەپەرۋەر قىلىش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: باش تېما تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويۇلىدۇ. بىرىنچى باسقۇچ 2021-يىلى 5-ئايدىن بۇرۇن بولۇپ، پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ۋە مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ شانلىق نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، «14-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىياتنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى تەشۋىق قىلىش لازىم. ئىككىنچى باسقۇچ 2021-يىلى 5-ئايدىن يىل ئاخىرىغىچە بولۇپ، 6-، 7-ئايلاردا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلىتىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغانلىقىنى چۆرىدەپ، باش تېمىسى گەۋدىلىك، خاسلىقى روشەن ئاممىۋى باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك. بىرىنچى، پارتىيە بايرىقى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلىش پائالىيىتى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى چۆرىدەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۆھپە يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتى. ئىنقىلابىي كونا ئورۇن، ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى قاتارلىق قىزىل بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ، يېڭى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمى بېرىش پائالىيىتىنى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش لازىم. ئۈچىنچى، پارتىيە دەرسى سۆزلەش ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە دەرسى كۆرسىتىش پائالىيىتى. «پارتىيە دەرسى باشلاندى» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرى، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار، مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى قاتارلىقلارنى پارتىيە دەرسى سۆزلەشكە تەشكىللەش لازىم. ھەر دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش سۇپىلىرى مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ، بىر تۈركۈم نادىر پارتىيە دەرسىنى مەركەزلىك كۆرسىتىش لازىم. تۆتىنچى، ئۆگىنىش، ھېس قىلىش پائالىيىتى. دىققەتنى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم ئۆگىنىش، ھېس قىلىش لىنىيەسى ۋە ئېسىل قىزىل ساياھەت لىنىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ يولغا قويۇپ، كادىرلار، ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا، قولايلىق جايدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، دۆلەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  بەشىنچى، باش تېمىلىق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى. پۇقرالار لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مۇھىم ۋەقەلەرنى باشتىن كەچۈرگۈچىلەر ۋە گۇۋاھچىلار، نەزەرىيە خىزمەتچىلىرى، ئەمەلىي خىزمەتچىلەر، بولۇپمۇ دەۋر نەمۇنىچىلىرى، ئەڭ گۈزەل شەخسلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ سەييارە لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىش لازىم. ئالتىنچى، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنۈش تەربىيە پائالىيىتى. «ئوقۇش باشلاش 1-دەرسى» تېلېۋىزىيە مەخسۇس پىروگراممىسىنى ئىشلەپ ۋە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تەشكىللەپ، مەخسۇس تېمىلىق پارتىيە، ئىتتىپاق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى سىياسىي نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تەرەققىيات تارىخىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە، ئاڭلىق ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇشقا يېتەكلەش لازىم. يەتتىنچى، تۈرلۈك ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى. ئاساسىي تېمىلىق ئەسەرلەرنى توپلاش ۋە كۆرگەزمە قىلىش، كۆرسىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مىكرو كىنو، مىكرو سىن قاتارلىق يۇغۇرما تاراتقۇلار تەشۋىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قىزىل تېمىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرسىتىشنى قانات يايدۇرۇش لازىم. دۆلەت بايرىمىدىكى يېڭى ئۆرپ-ئادەتلەرنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇمىي خەلق دۆلەت مۇداپىئەسى تەربىيەسى پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا مەھەللىلىرىدە قوشنىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ، ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى مەزمۇنغا ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «پارتىيەنىڭ تەنتەنىلىك مۇراسىمى، خەلقنىڭ بايرىمى»دىن ئىبارەت قويۇق ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئامما ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان، ئاڭلاشنى خالايدىغان تىلنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، ئامما قاتنىشىشنى ياخشى كۆرىدىغان، قاتنىشىشنى خالايدىغان سۇپىلارنى كۆپرەك قۇرۇپ، تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى روشەن پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات-تەربىيەنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىسراپچىلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بىخەتەرلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك پائالىيەتلەرنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات شوئارلىرى ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ