مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش باشلىنىش نۇقتىسى قىلىندى

«يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى يەنىمۇ قوزغىتىلدى

2021.04.12 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يېزا ئىگىلىك مۇزېيىدا ئېگىزلىكى 99 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئۈچ پۇتلۇق بىرونزا يۇمىلاق داڭقان __ يەر بېجىغا خاتىمە بېرىش داڭقىنى بار. بۇ «ساراي گۆھىرى»نى قايسىبىر داڭلىق شەخس ئەمەس، بەلكى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ لىڭشۇ ناھىيەسىدىكى بىر ئاددىي دېھقان ۋاڭ سەننى ئۆزلىكىدىن قۇيغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر چوڭ ئىش، يەنى 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ دېھقانچىلىق بېجىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى خاتىرىلىگەن.

  «مەن دېھقان ئوغلى، ئاتا-بوۋىلىرىم نەچچە ئەۋلاد يەر تېرىپ، باج تاپشۇرغان. بۈگۈن يەر بېجى بىلەن خوشلاشتىم، مەن دېھقانلارغا ۋاكالىتەن داڭقان قويۇپ خاتىرىلەيمەن...» داڭقانغا يېزىلغان ئاددىي سۆزلەر يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ پارتىيەنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» سىياسىتىنى ھىمايە قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىگەن.

  يېزىلاردا ئېلىنىدىغان، دېھقانچىلىقتىن كېلىدىغان ھەمدە دېھقانلار بىۋاسىتە ئۈستىگە ئالىدىغان باج بولۇش سۈپىتى بىلەن، دېھقانچىلىق بېجى ئېلىمىزدە 2600 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق بېجى خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە دۆلەت مالىيە كىرىمىنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ كەلدى، 1949-يىلىدىن 2005-يىلىغىچە ئېلىمىزنىڭ دېھقانچىلىق بېجى ئومۇمىي كىرىمى جەمئىي 420 مىليارد يۈەنگە يەتتى.

  دېھقانچىلىق بېجىدىن باشقا، دېھقانلار يەنە «ئۈچنى ئايرىش، بەشنى بىرلىككە كەلتۈرۈش»نى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرا، ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، تۈرلۈك سېلىق قاتارلىق خىراجەتلەر قوشۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، مەركەزنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى.

  بۇ ۋەزىيەتنى قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ شۇنىڭ بىلەن كۆپ يىل داۋاملاشقان دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە يېزا باج ئىسلاھاتى باشلاندى.

  1990-يىلىدىن باشلاپ، مەركەز ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ھۆججەت تارقىتىپ، دېھقانلارغا قارىتىلغان تۈرلۈك ھەق ئېلىش، جەرىمانە قويۇش ۋە سېلىق سېلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلدى.

  ۋاقىتلىق تۈزەش، تېخىمۇ مۇھىمى تۈپتىن ھەل قىلىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، مەركەز خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتىغا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. 1998-يىلى گوۋۇيۈەن يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتى خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتى باشلاندى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، يېزا باج-ھەق ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش نىشانى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك بېجىنىڭ باج نىسبىتى تۆۋەنلىتىلدى، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن ئۆلكىلىرىدە دېھقانچىلىق بېجىنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، كۆك تاماكىدىن باشقا دېھقانچىلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىدىن باج ئېلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، چارۋىچىلىق بېجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى... 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنىدا، 2006-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېھقانچىلىق بېجى نىزامى»نى بىكار قىلىش قارار قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر قەدىمىي باج تۈرى ئاخىرلاشتى.

  بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كەڭ يېزىلار شۇئان قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى. كەنت ئىچى-سىرتىدا، پۇقرالار داڭقان قۇيۇپ، ئابىدە تىكلەپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ چوڭ ۋەقەنى خاتىرىلىدى، بەزىلەر ھاياجانلىنىپ ئۇخلىيالمىدى. ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش ئىشلەيدىغان سىيمالار كۆپەيدى، ئەسلىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان نۇرغۇن دېھقان يەنە كەنتكە قايتىپ يەر تېرىدى. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.

  دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئېلىمىز يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ بېرىش، ئاز ئېلىش، جانلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيەدىن يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار»نىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ