جېجياڭ سىشىدا ياش پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە تارىخىنى ئۆگەندى

2021.04.09 18:33 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، 91 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جاڭ شىجيې (سولدىن ئۈچىنچى كىشى) ئۆزىنىڭ ئوردېنىنىڭ ئارقىسىدىكى «قىزىل ھېكايىلەر»نى سۆزلىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى سىشى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، تەشكىلات بۆلۈمى، بانكا، ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسى قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار توردا ۋە تور سىرتىدا كۆپ مەيدان «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. نۇرغۇن پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتنىڭ شانلىق تارىخىنىڭ گۇۋاھچىسى، باشتىن كەچۈرگۈچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەكلىپكە بىنائەن شۇ جايدىكى ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىن كەلگەن ياش پارتىيە ئەزالىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىنقىلابىي ھېكايىلەر ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى بايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ياش پارتىيە ئەزالىرىنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش، دەۋر ئاكتىپ كۈچىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ