مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جەرىمانە قويۇش ماشىنىسىغا ئايلىنىپ قالغان «ئېلېكترونلۇق ساقچى»لار ئەسلىي مەقسەتتىن چەتنەپ كەتتى

2021.04.09 18:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يول باشقۇرۇشنىڭ كۈنسېرى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىشىغا ئەگىشىپ، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قاتناش «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»لىرى كۆپەيتىلدى. لېكىن، «نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق كۆزلەرنىڭ تەسىس قىلىنىشى مۇۋاپىق ئەمەس. بەزى رايونلار قەستەن ھالدا تەكشى، كەڭ يوللاردا بىرقەدەر تۆۋەن بولغان ئەڭ يۇقىرى سائەتلىك سۈرئەتنى بەلگىلەپ، ئوخشاش بىر يولدا سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىلىمىسىدىن بىرنەچچىنى تەسىس قىلىپ ھەمدە ئارىسىدا تەڭشەش بەلبېغى قويماي، يول راۋانلاشقاندا قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈش يولىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق سىزىقنى بېسىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يول بويىدىكى رايونلاردا بىردەك قائىدىگە خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش جازاسى بەرمەكتە.» بۇ يىل مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى خەن دېيۈن ئوتتۇرىغا قويغان «‹ئېلېكتىرونلۇق ساقچى›نى قالايمىقان تەسىس قىلىش، قالايمىقان ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى تەكلىپ» قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى.

  ھەممىگە مەلۇمكى، «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى» − قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، قاتناش ھادىسىسى نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ ھەم مۇكەممەل بولغان قانۇنغا خىلاپ دەلىل-ئىسپات زەنجىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئالاقىدار ماجىرالاردىن ساقلايدۇ، بۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  لېكىن ئەمەلىيەتتە، بەزى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قارىغۇلارچە «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»نىڭ سۈرەتكە تارتىشىنى رېئال قاتناش ساقچىلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. گەرچە «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى» يۇقىرى ئۈنۈملۈك جازانى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەربىيەلەشنى تاماملىيالمىدى. قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى» تەرىپىدىن سۈرەتكە چۈشۈپ قالغان بەزى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىلەر پەقەتلا «تەلىيىم كاج بولۇپ قالدى، كېلەر قېتىم چوقۇم سىنكۆزدىن ئۆزۈمنى قاچۇرىمەن» دەپ قاخشاپ قويدى، ئەمما قاتناش قائىدىسى ۋە بىخەتەرلىك ئېڭىنى قەلبىگە ھەقىقىي سىڭدۈرگەن بولۇشى ناتايىن.

  يەرلىككە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قاتناش قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتا، «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»نى ئورنىتىش زىچلىقى، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جازالىنىش مىقدارى، ھەتتا جەرىمانە سوممىسىنىڭ ئاز-كۆپلۈكىگە قاراپلا باھالاشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»نى كۆپەيتىپ قاتناشنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن، «شۇ جاينىڭ قاتناش تەرتىپىنى ياخشىلىغان-ياخشىلىمىغانلىقى»، «قاتناشنىڭ يۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگەن-ئۆستۈرمىگەنلىكى»، «قاتناشقا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى»نى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

  «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى» قويغان جەرىمانە سوممىسى غايەت زور بولۇپ كەتكەندە، قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالدى بىلەن ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك: يول كۆرسەتكۈچ تاختىسىنىڭ ئورنىتىلىشى كۆزگە چېلىقىپ تۇرامدۇ-يوق، يول بەلگە سىزىقىنىڭ بەلگىسى ئېنىقمۇ-يوق، قاتناش سىگنال چىرىغىنىڭ ئورنىتىلىشى مۇۋاپىقمۇ-يوق، يول كەڭلىكى مۇۋاپىقمۇ-يوق؟... ئەگەر بىنورمال ساندىكى قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا يول قويۇپ، «ئېلېكتىرونلۇق ساقچى»نى پۈتۈنلەي جەرىمانە قويۇش ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويغاندا، ئېنىقكى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاشنىڭ دەسلەپكى مەقسىتىدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

  قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى جايلارنىڭ «ئېلېكترونلۇق ساقچى» تەسىس قىلىش ۋە ئىشلىتىش ئۆلچىمىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، تەسىس قىلىنىدىغان ئورۇننىڭ مۇۋاپىقلىقى ۋە ئىلمىيلىكىنى كۈچەيتىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارا چۈشەندۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى ۋە ئەرزىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش جەرىمانىسىنى ئىشلىتىش ئورنىنى ئاشكارا، ئۆلچەملىك قىلىپ، ئىمكانقەدەر مەخسۇس پۇلنى مەخسۇس جايغا ئىشلىتىپ، جەرىمانىنى «خەلقتىن ئېلىپ خەلققە ئىشلىتىش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ