«يوشۇرۇن ئېقىنلار قۇترىدى −− جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم خەلقئارا ئاممىۋى پىكىرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى

2021.04.09 18:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھەقىقىي دېلو مىساللىرى ۋە شەخسلەر ھېكايىسى ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ ئاتالمىش «ھەددىدىن زىيادە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ۋە «ئىرقىي يوقىتىش» سەپسەتىلىرىگە رەددىيە بېرىپ، نۇرغۇن مەخسۇس زىيارەت ۋە تۇنجى كۆرسىتىلگەن كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تاشقى دۇنيا بىلمەيدىغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشى ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى ئاشكارىلاندى.

  مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى CGTN سۈرەتكە ئېلىپ ئىشلىگەن شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشى ھەققىدىكى 4-ھۆججەتلىك فىلىمى «يوشۇرۇن ئېقىنلار قۇترىدى −− جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىسلار» 4-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ CGTN تور بېكىتى ۋە چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەرلىرى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سىن تېرمىنالى ھەمدە خەنزۇچە خەلقئارا قانال ۋە ھۆججەتلىك فىلىم قانىلىدا كۆرسىتىلدى. رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 44 خىل تىلدىكى تارقىتىش سۇپىلىرى ئارقىلىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇكەممەل نۇسخىسى ۋە پارچە سىنلىرى، MV قىسقا فىلىمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، فىنلاندىيە، رۇسىيە، گوللاندىيە، ھىندىستان، ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى 400 دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. چەت ئەلدىكى تورداشلار بەس-بەستە جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  44 خىل تىلدىكى يۇغۇرما تاراتقۇلار ئارقىلىق تارقىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر ساھەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقى نامايان قىلىندى

  4-ئاينىڭ 2-كۈنى، CGTN ئورگان تورى ۋە كۆچمە تېرمىنالى پۈتۈن توردا تۇنجى قېتىم «يوشۇرۇن ئېقىنلار قۇترىدى −− جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ خەنزۇچە-ئېنگلىزچە قوش تىللىق تولۇق نۇسخىسىنى تارقاتتى. شىنجاڭغا چېتىشلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يۈرۈشلۈك ھۆججەتلىك فىلىمىنىڭ تاماملىنىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ فىلىم شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى 30 يىللىق كەسكىن ۋەزىيىتى، چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى ھەم جۇڭگونىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىدە تۆلىگەن غايەت زور بەدىلىنى ئاز ئۇچرايدىغان «زور ئۆلچەم» بىلەن ئاشكارىلاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تاماشىبىنلار ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان نۇقتىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈردى. رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى 44 خىل تىلدا تور بېكەت ۋە فەيسبۇك، تۋىتتېر، يوۋتۇب قاتارلىق چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ تولۇق نۇسخىسى ۋە «تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان كىشىلىك ھايات»، «ئىچكى دۈشمەن»، «يامان نىيەت يوشۇرۇلغان دەرسلىك»، «ئالاقە تورىدىكى تەھدىت» قاتارلىق پارچە سىن، MV قىسقا فىلىمىنى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى.

  شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەقىقىي ئەھۋالىنى سۆزلەپ، چەت ئەل ئاممىۋى پىكرىنى پائال يېتەكلەش

  «يوشۇرۇن ئېقىنلار قۇترىدى −− جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. CGTNنىڭ ئالاھىدە ماقالىسىنى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، ياخو مالىيە-ئىقتىساد تورى، ئامېرىكا بازار كۆزىتىش تور بېكىتى، چېنشىڭ تورى، ئاۋسترالىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، كانادا سودا قەرەللىك ژۇرنىلى، ۋىيېتنام «سايگون ۋاقىت گېزىتى»، ھىندىستاننىڭ «بۈگۈنكى سودا» قاتارلىق 39 دۆلەت ۋە رايوندىكى 323 چەت ئەل تور تاراتقۇسى پائال كۆچۈرۈپ، نەقىل ئالدى، پۈتۈن دۇنيادىكى قوبۇل قىلغان ئامما 180 مىليونغا يەتتى.

  خەلقئارا سىن ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ئالاقىدار سىن خەۋەرلىرىنى كانادا قىزىل ئېرەن تاراتقۇسى، فىنلاندىيە MTV3 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، گوللاندىيە ياۋروپا-جۇڭگو تاراتقۇسى، لاتىن ئامېرىكىسى ئاخبارات ئىتتىپاقى، كامبودژا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باش خەۋەر تورى ۋە شياڭگاڭ TVB ئورگان تورى قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، قاناللىرى ۋە تور يېڭى تاراتقۇ سۇپىلىرى تارقاتتى.

  چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار يۈكسەك دىققەت قىلدى، شىنجاڭدىكى «يوشۇرۇن ئۇرۇش» تەسەۋۋۇردىن ھالقىپ كەتتى، دېدى

  سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى» «يوشۇرۇن ئېقىنلار قۇترىدى −− جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىدىكى خىرىسلار» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئۇدا ئۈچ كۈن خەۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئومۇمىي ئەھۋالى، شىنجاڭنىڭ سىياسىي-قانۇن سىستېمىسىدىكى ئەمەلدارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى» بولۇشى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى مەسىلە بار دەرسلىككە يوشۇرۇنغان يامان نىيەت، تېررورىزمغا قۇترىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى خەۋەر قىلدى. «غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ‹ئىرقىي يوقىتىش› ئەيىبنامىسىگە قايتۇرما زەربە بېرىش − شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھۆججەتلىك فىلىمىدە ئىچكى قىسىمدىكى ‹شىنجاڭ مۇستەقىللىقى›نى تەرغىپ قىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار پاش قىلىندى» ناملىق خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: CGTN نىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار تۆتىنچى ھۆججەتلىك فىلىمى ئالدىنقى ئۈچ قىسىم ھۆججەتلىك فىلىم بىلەن ئالدى-كەينىدىن ماسلىشىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى مۇكەممەل بايان قىلىپ، شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  «رۇسىيە گېزىتى» ئورگان تورى، «ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى» گېرمانچە تورى، تۈركىيە ئىقتىساد كۆزىتىش تورى، ياپونىيە Record China تور بېكىتى، قازاقىستان «ئوقەتچىلىك گېزىتى» ئورگان تورى، ھىندىستان «كۈندىلىك كۈچ گېزىتى» ئورگان تورى، فىلىپپىن تېلېۋىزىيە تاراتقۇسى CNTV فەيسبۇكى، ئىران namasha تور بېكىتى قاتارلىق كۆپ دۆلەتتىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ كۆپ تىللىق پارچىلانغان سىنلىرى ۋە ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقاتتى.

  چەت ئەلدىكى تورداشلار تېررورلۇق ۋە ئامېرىكا غەربنىڭ قوش ئۆلچەملىك ھەرىكىتىنى بەس-بەستە ئەيىبلىدى

  تۈركىيەلىك تورداش مېيتىڭ چىڭگىز مۇنداق سۆز قالدۇردى: «تېررورلۇق دىن ۋە مىللەت ئايرىمايدۇ. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى تارتىۋالدى، كىشىلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىدىن ئايرىدى. تېررورلۇققا ھەرقانداق جايدا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ئەگەر قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە ئوت كەتسە، سىز كۆرمەسكە سالسىڭىز، ئۇنداقتا ئوت سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە يامرايدۇ».

  ئىراقلىق تورداش سالىم مەجىد مۇنداق سۆز قالدۇردى: «جۇڭگو بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ھازىر مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ھۆكۈمىتى جۇڭگو بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەكىللىكىدىكى دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى، مىسىر، سۇرىيە، ماراكەش قاتارلىقلار بار. جۇڭگو مۇسۇلمانلارغا زىيانكەشلىك قىلدى دەپ قايتا-قايتا جار سالغان كىشىلەرگە كەلسەك، ئۇلار پەقەت غەرب ئەللىرى توپىلاڭ كۆتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان ۋە باشقا ئەللەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان كۈچلىرىدۇر.»

  كانادالىق تورداش Yousorcry Luxary سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا شىنجاڭدىكى تېررورلۇقنى قوللاپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ۋەقە پەيدا قىلىپ مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى.»

  تورداش Myhero Myhero باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە قارىماي، رەزىل دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى توسۇپ، شىنجاڭ خەلقى ۋە ئۆز رايونىنىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدۇ. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ھۆرمەت.»

  تورداش خۇئان رامون مېدىنا ئورتېگا سۆز قالدۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن جۇڭگونىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش كۈرىشىنى قەتئىي قوللايمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ