ئەيدىزگە قارشى دورا ئىمپورتى ئۈچۈن تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسى قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2021.04.08 12:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 7- چېسلا مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئاساسىي داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئىشلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق خاسلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قوللاش ئۈچۈن، مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېگەن: 2021- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2030- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ئىمپورت قىلىشنى ھاۋالە قىلغان ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلاردىن ئىمپورت تاموژنا بېجى ۋە ئىمپورت ھالقىسى قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ