مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىش ۋە ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

باج ئىشلىرى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق، تېخىمۇ توغرا بولىدۇ

2021.04.07 19:36 مەنبە: خەلق تورى

  «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، باج ئىشلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، قانداق ئومۇمىي يىرىك پىلانلار بار؟ يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «باج ئېلىش-باج باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، قانۇننى توغرا ئىجرا قىلىش، ئىنچىكە مۇلازىمەت قىلىش، توغرا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە بىرلىكتە سەمىمىي ئىدارە قىلىشنى چۇڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشنى ئېنىق قىلدى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، يەنە قانداق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج-ھەق مۇلازىمىتى يولغا قويۇلىدۇ؟ باج ئىشلىرى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى قانداق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؟ بۇ ھەقتە، مۇخبىر ئالاقىدار كارخانا ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى زىيارەت قىلدى.

  ئىش تەرتىپى ئىخچاملىنىپ، باج تاپشۇرۇش، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ

  «ئالدىن كېلىشىش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇرغىلى بولامدۇ»، «مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرغىلى بولامدۇ»... گۇاڭدۇڭ باج تارماقلىرى يېقىندا قانات يايدۇرغان «باج ئىشلىرىنى بېجىرىشتە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكچىلىك قىلىش» باش تېمىسىدىكى مەركەزلىك سىناق قىلىش پائالىيىتىدە، بىر تۈركۈم «باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناق قىلغۇچىلار» ئىشلەتكۈچىلەر نۇقتىسىدىن 19 تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى، باج تارماقلىرى دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بېجىرىشكە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكچىلىك قىلىش»نىڭ ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتى.

  ھازىر گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدە باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناق قىلغۇچىدىن 3066سى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە باج تاپشۇرۇش بويىچە سىناق قىلغۇچىدىن 2661ى، باج خادىمى بويىچە سىناق قىلغۇچىدىن 405ى بار. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى سىناق قىلغۇچىلار 316 تۈرلۈك ئېھتىياجنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، «گۇاڭدۇڭ باج ئېقىمى» كىچىك پىروگراممىسى قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  ئېھتىياجنى دەل جايىدا قاندۇرۇش باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. بۇ يىل «خەلققە قولايلىق باج ئىشلىرىنى بېجىرىش باھار شامىلى ھەرىكىتى» خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە پايدىلىق بولۇش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش بويىچە ئون چوڭ تۈردىكى 30 تۈرلۈك 100 تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويدى. يولغا قويۇلغان بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان 100 تەدبىرنىڭ 5/1ى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلىيلەشتى، يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشىمىز.

  «پىكىر»دە ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باج ئېتىبار سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، تېز بەھرىمەن بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېتىبار سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇشنى بېجىرىش تەرتىپى ۋە رەسمىيەتلىرىنى ئىخچاملاپ، «ئۆز ئالدىغا پەرقلەندۈرۈش، ئۆز ئالدىغا مەلۇم قىلىش، ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتىش؛ باج تاپشۇرۇش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى سىجىل قىسقارتىش جەھەتتە، باج (ھەق) تۈرىنى ئۇنىۋېرسال مەلۇم قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قىسمەن باج تۈرلىرىنىڭ باج ئېلىش مۇددىتىنى قانۇن بويىچە ئىخچاملاپ، مەلۇم قىلىش قېتىم سانى ۋە ۋاقتىنى ئازايتىش تەلەپ قىلىندى.

  بېيجىڭ دۆلەت بوغالتىرلىق شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى لى شۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان باج ئېلىش-باج باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەر باج تاپشۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ. مەسىلەن، تالوننى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىلتىماسنى ئاپتوماتىك ئالدىن تولدۇرۇش باج تاپشۇرۇشقا قولايلىق يارىتىشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  جيەنپەي ئۆي جاھازلىرى گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى چېن يۈنمېڭ مۇنداق دېدى: باج تارماقلىرى يولغا قويغان «ئاساسلىق، قوشۇمچە باج-ھەقنى بىرلەشتۈرۈپ مەلۇم قىلىش» ئىقتىدارى ئىنتايىن قولايلىق بولۇپ، ئىلگىرى بىر نەچچە خىل باجنى ئوخشىمىغان كۆرۈنمە ئېكراندا ئېچىپ مەلۇم قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ھازىر بىر بەتنى ئاچسىلا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت قوشۇلما قىممەت بېجىنى مەلۇم قىلساقلا، باشقا قوشۇمچە باجلارنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كىرگۈزگىلى بولىدۇ. ھەر قايسى باج تۈرلىرىنى ئىلتىماس قىلىشنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى باج تاپشۇرۇش مۇلازىمىتى كېڭەيتىلىدۇ

  سۇجوۋ ۋېندۇ مۇھىت پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى جېڭ شيەنيەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، مەن ماتېرىياللارنى تولۇق ئېلىپ كۆزنەككە بېرىپ، تالون بىلەن جەدۋەلنى سېلىشتۇرۇپ، بىنورمال ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى بېجىرەتتىم. ھازىر، «ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج يېتەكچىلىك» سىستېمىسىدىن پايدىلىنىپ، پەقەت يان تېلېفوندا تالون بىلەن جەدۋەلدىكى بىنورماللىقنىڭ سەۋەبىنى تاللاپ ئاددىي چۈشەنچە بەرسەم، تەكشۈرۈشتىن ئۆتسىلا كارتىنى تازىلاشنى تاماملىغىلى بولىدۇ.

  باج بېجىرىش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، كۈنشەن شەھەرلىك باج ئىدارىسى «مىكرو باج بېجىرىش» كىچىك پىروگراممىسىغا تايىنىپ، باج بېجىرىش مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كۆچمە باج بېجىرىشنى ۋاسىتە، باج بېجىرىش مۇلازىمىتى چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تىرەك قىلغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج يېتەكچىلىك» سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

  باج تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىش، ئىنچىكە قېزىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىش ۋە يۇغۇرما ئورتاق بەھرىلىنىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ باج باشقۇرۇشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى. نۆۋەتتە «ئۇچراشماسلىق شەكلى»دىكى باج بېجىرىش، ھەق تاپشۇرۇش تىزىملىكى 214 تۈرگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 203 تۈرنى پۈتۈن مۇساپىدە توردا بېجىرىپ، «مۇلازىمەتتە كۆرۈشمەسلىك، ھەر ۋاقىت توردا بولۇش»نى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: باج چوڭ سانلىق مەلۇمات بۇلۇت سۇپىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات بايلىقىنى ئېچىپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۇچۇر سىستېمىسى بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆلىمى چوڭ، تۈرى كۆپ، قىممىتى يۇقىرى، دانچىلىرى ئىنچىكە بولغان باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى بەرپا قىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئەقلىي ئىقتىدارلىق باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، باج چوڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەتكە ھۆكۈم قىلىش ۋە ئىجتىمائىي باشقۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردە چوڭقۇر قاتلاملىق قوللىنىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  لى شۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «پىكىر»نىڭ تەلىپى بويىچە، ئېلىمىز مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. كۈچلۈك رەقەملىك سۇپىدىن پايدىلىنىپ باج باشقۇرۇشتا چوڭقۇر سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىش ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

  قانۇننى يىرىك ئىجرا قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقى كۈچەيتىلىدۇ

  «بۇ قېتىمقى <تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق>نى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، بۇنىڭدىن كېيىن جەزمەن ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ، باج قانۇنىدىكى تەلەپلەرگە رىئايە قىلىمەن» دېدى رۈنۋو پەن-تېخنىكىسى (شەندۇڭ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باج بېجىرگۈچىسى دېڭ خانىم. خىزمەت ئالدىراش بولغاچقا، ئۇ مەلۇم قىلىش ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قالغانىكەن. باج تارماقلىرىنىڭ سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال ماتېرىياللارنى ئېلىپ باج بېجىرىش مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ جازانى قوبۇل قىلماقچى بولغاندا، تۇنجى قېتىم سۈرۈكنى ئۆتكۈزۈۋەتكەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە قويۇلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. جىنەن شەھىرىدىكى باج تارماقلىرى يېقىندا ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، باجغا دائىر قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنىڭ «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق» تىزىملىكىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ تۈزۈپ، قانۇن بويىچە ئاددىي، تېز جازا بېرىش، مەمۇرىي جازا بەرمەسلىك قارارىنى چىقاردى.

  «پىكىر»دە باج قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسىدە «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق» تىزىملىكى تۈزۈمىنى تەتقىق قىلىپ ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جايلاردىكى باج ئورگانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىزدىنىشىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا، باج باش ئىدارىسى يېقىندا تۇنجى تۈركۈمدىكى 10 تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن باج مەمۇرىي جازاسىنىڭ «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق» باجغا چېتىشلىق ئىشلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، كېيىن يەنە «تۇنجى قېتىم خىلاپلىق قىلسا جازالىماسلىق»قا دائىر باشقا ئىشلارنى داۋاملىق ئېلان قىلىدۇ.

  قانداق قىلغاندا يىرىك، تاللاش خاراكتېرلىك، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان» قانۇن ئىجراسىدىن ساقلىنىپ، تەجرىبە خاراكتېرلىك قانۇن ئىجرا قىلىشتىن ئىلمىي، توغرا قانۇن ئىجرا قىلىشقا ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ «پىكىر »دە باج قانۇن ئىجراسى تۈزۈمى ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەمدە باج نازارەتچىلىكىنى دەل جايىدا يولغا قويۇش توغرىسىدا كونكرېت تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جۇڭگو باج ئىشلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ ليەنچى مۇنداق قارىدى: ھەم يىغىشقا تېگىشلىك باجنى يىغىپ، ھەم كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىپ، بازار سۇبيېكتىغا بولغان كاشىلىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كىچىكلىتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە چوڭايتىش كېرەك. كەلگۈسىدە «دەل جايىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش» بىلەن «سەمىمىي ئورتاق ئىدارە قىلىش»نى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. باج ئېلىش-باج باشقۇرۇش باج تارماقلىرىنىڭلا ئىشى ئەمەس، باج تارماقلىرى بىلەن باجغا ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاساسىي كۈچىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇپ، باجنى ئورتاق ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  باجنى ئورتاق باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن جايلار پائال ئىزدەندى. شەندۇڭ لياۋچېڭ شەھەرلىك باج ئىدارىسى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات قاتارلىق 28 تارماق بىلەن 52 تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش تىزىملىكىنى بېكىتىپ، «لياۋچېڭ شەھىرىنىڭ باجنى ئورتاق باشقۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقاتتى؛ چۇڭچىڭ دادۇكوۋ رايونلۇق باج ئىدارىسى شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپارات بىلەن تارماقلار ئۇچۇر يەتكۈزۈش يولى ئېچىپ، يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بېجىرگۈچى ئاپپاراتتا سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، ئالاقىدار ئۇچۇر ماتېرىياللىرى باج تارماقلىرىغا بىر تۇتاش يەتكۈزۈلىدۇ، كارخانىلارنىڭ باج تارماقلىرىغا بېرىپ تىزىملىتىشى ھاجەتسىز؛ نىڭبودا باج تارماقلىرى بىلەن سۇغۇرتا ئاپپاراتلىرى ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى كۈچەيتىپ، «باج، سۇغۇرتا ھەمكارلىق مېخانىزمى»نى ئورناتتى.

  «پىكىر»دە باجنى ئورتاق باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، تارماقلارنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىش، باجدا قانۇن يۈرگۈزۈش كاپالىتىنى كۈچەيتىش ۋە خەلقئارا باج ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جاڭ ليەنچى مۇنداق دېدى: تۆت جەھەتتىكى تەدبىرنىڭ تەدرىجىي ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېلىمىزنىڭ باج ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ