مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قەبرىستانلىق پۇل تېپىشقا ئىشلىتىلمەيدۇ، ئاممىنى «خاتىرجەم كۆز يۇمغىلى قويۇش» كېرەك

2021.04.07 16:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئوتتۇرىچە باھاسى 60 مىڭ يۈەن»، «100 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدۇ»، «مىليون يۈەنلىك قەبرە ئورنى»... چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، بەزى جايلاردا قەبرە باھاسىنى كۆپتۈرۈش شامىلى يەنە كۆتۈرۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەبرىستانلىقلارنىڭ باھاسى راكىتا كەبى ئۆرلەپ كەتتى، بەزى قەبرە ھايانكەشلىرى ھەتتا ئىلگىرى تۇرالغۇ ھايانكەشلىكى قىلغاندا ئىشلەتكەن ھۈنەرلىرىنى قەبرە ئىشلىرىدا ئىشلەتتى، «ئورنى ياخشى»، «يەر ئاستىدىكى مەركىزىي سودا رايونى، كېيىنكى ئۆمرىدىكى ئارقا گۈللۈك» دېگەندەك ناملار بىلەن كۈچەپ ئەندىشە پەيدا قىلدى، نۇرغۇن ئامما «ئۆلگىلى بولمىغۇدەك» دېيىشتى.

  ئۇزۇندىن بۇيان، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرلىك قەبرىستانلىق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىش شامىلى ئەۋج ئالغانلىقتىن، تىجارەت خاراكتېرلىك قەبرىستانلىق ئەۋج ئېلىپ، باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. جايلارمۇ «قىممەت باھالىق قەبرە»، «تىرىك ئادەملەر قەبرىلىرى» ۋە قەبرە ھايانكەشلىكىگە قارىتا كۆپ قېتىم مەخسۇس تۈزەش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن بىر مەھەللىك شامال ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ھادىسىدىن تۈزىلىپ، ماھىيەتتىن تۈزەلمىگەن ئىدى.

  «بۆشۈكتىن قەبرىگىچە» بولغان مۇساپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقا بولغان دەپنە ئىشلىرى ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىگە ئىگە. قىممەت باھالىق قەبرە ئىستىلىنى توسۇش ئۈچۈن، مالىيە سېلىنمىسى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى پاراۋانلىق خاراكتېرىدىكى قەبرىستانلىق بىلەن تەمىنلەشنى كۆپلەپ كۆپەيتىپ، ئۇنى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قىلىپ، ئۇنىڭ تولۇق كاپالەتلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى «خاتىرجەم كۆز يۇمغىلى قويۇش» كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ