شىنجاڭدا بىر ئەمەلدارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ دۆلەتنى پارچىلاش، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلىش جىنايەت پاكىتى ئاشكارىلاندى

2021.04.07 16:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاپرېل، شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى داۋامىدا، ئۇزاقتىن بۇيان نۇقتىلىق ئورۇنغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى» شىرزات باۋۇدۇننىڭ جىنايەت پاكىتىنى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلىدى.

  شىرزات باۋۇدۇن 1966-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 1988-يىلى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئۇزاق ئۆتمەي خوتەنگە يۆتكىلىپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلغان. ئاساسىي قاتلام جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىسى بولغاندىن باشلاپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتىنىڭ نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان ھەم شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان، شىرزات باۋۇدۇن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلىق سالاھىيىتى بىلەن دۆلەتنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى ئۇزاق مۇددەت پىلانلاپ يولغا قويۇپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ساتقان ھەمدە چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز ھالدا ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن.

  20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» شىنجاڭ چېگراسى ئىچىدە بىر قاتار زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، نۇرغۇن بىگۇناھ ئامما ۋە ساقچىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. 2002-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نى تېررورلۇق تەشكىلاتى قاتارىغا كىرگۈزدى. 2004-يىلى بۇ تەشكىلات نامىنى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى»گە ئۆزگەرتتى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى ۋاڭ لاڭتاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىرزات باۋۇدۇن دۆلەتنى پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىننى دەستەك قىلىپ، سىياسىي ئارقىلىق ئۆزىگە تارتىش، دىن ئارقىلىق يۆلەش، ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش، قانۇن ئارقىلىق پاناھلاندۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بۆلگۈنچىلەر، دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى كۈشكۈرتۈپ، قوللاپ، يول قويۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تېز ئەۋج ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنى پارچىلاش، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ئىدىيەۋى تۇپراق يېتىلدۈرۈپ، ھەرىكەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن؛ ئۇ ئۇزاق مۇددەت خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسىدە «ئۈچ خىل كۈچلەر»نىڭ مۇھاپىزەت كۈنلۈكى بولۇپ، «مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش» ئۈچۈن «چوغ»نى ساقلاپ قالغان؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، بۆلگۈنچىلىك مەبلىغىنى پائال تەييارلىغان ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياكى چېگرا ئىچىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلار ئارقىلىق چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىنجاڭنى پارچىلاش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.

  2003-يىلى 5-ئايدا شىرزات باۋۇدۇن خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان مەزگىلدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ چېگرا سىرتىدىن قاراقاش ناھىيەسىگە قايتىپ كەلگەن تايانچ ئەزاسى تاھىر ئابباس بىلەن كۆرۈشۈپ، «مىللىي مۇستەقىللىق»نى ئورتاق پىلانلىغان، شىرزات باۋۇدۇن كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. 2006-يىلى شىرزات باۋۇدۇن قاراقاش ناھىيەسىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ سابىق خاتىپى ئابلاجان بەكرى (جازا ھۆكۈم قىلىندى)نى چەت ئەلگە چىقىپ ھەج قىلىشقا، تاھىر ئابباس بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرغان. 2015-يىلى شىرزات باۋۇدۇن «گەۋدىلىك تۆھپىسى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتى تەرىپىدىن شىنجاڭ «مۇستەقىل دۆلەت قۇرغان»دىن كېيىنكى رەھبەرلەر نامزاتى قىلىپ بېكىتىلگەن. شىرزات باۋۇدۇن 2015-يىلى 9-ئايدا چېگرا سىرتىغا تەكشۈرۈشكە چىققاندا، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى ئاخبارات بىلەن تەمىنلىگەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، شىرزات باۋۇدۇن يەنە باشقىلارنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا قاتنىشىشقا كۈشكۈرتكەن؛ ئۇ پارا ئېلىپ ئېرىشكەن 1 مىليون 200 مىڭ يۈەن ۋە بىر يۈرۈش ئۆينى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ ئىشلىتىشىگە بەرگەن؛ قاراقاش ناھىيەسىدىكى چوڭ مەسچىتنىڭ سابىق خاتىپى ئابلاجان بەكرىنى ئەدلىيە مەمۇرىي ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە قوللىغان؛ قىزىنىڭ توي مۇراسىمىدا دىنىي زاتلارنى قانۇنسىز ۋەز ئېيتىش پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلغان؛ ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، 11 مىليون 122 مىڭ 429 يۈەن پارا ئالغان؛ نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، جازا ئۆتەۋاتقانلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قانات ئاستىغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ قېچىپ كەتكەنلىك پاكىتىنى قەستەن يوشۇرغان؛ قانۇن يۈرگۈزۈش خادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان جىنايەت گۇماندارىنى قەستەن قانات ئاستىغا ئالغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سوت مەھكىمىسى جاۋابكار شىرزات باۋۇدۇننىڭ دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى، دۈشمەنگە تەسلىم بولۇپ ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى، چېگرا سىرتىدىكىلەرنى قانۇنسىز ھالدا ئاخبارات بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش جىنايىتى، تېررورلۇق ھەرىكىتىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى، ئەسەبىيلىكتىن پايدىلىنىپ قانۇنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى، توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش جىنايىتى، پارا ئېلىش جىنايىتى، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش جىنايىتى، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن بىر نەچچە جىنايەتنى قوشۇپ جازالاپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىشنى قارار قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى، قوشۇمچە بارلىق شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلدى. سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئۇنىڭ تۈرلۈك دەۋا ھوقۇقىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىندى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىرزات باۋۇدۇن جىنايىتىگە توۋا قىلىپ، نارازىلىق ئەرزى بەرمىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ