مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىندى

2021.04.07 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى «ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشتىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىلدىن بۇيان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىق بىلەن كۈرەش قىلغانلىقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنياۋى تۆھپىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى جۇڭگونى قۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، خەلقنى بېيىتىشنىڭ يىپيېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش مۇساپىسى تېز ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تارىخىي يېڭى باسقۇچىغا كىردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، سەككىز يىل سىجىل كۈرەش قىلىش ئارقىلىق، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ جۇڭگو يېزىلىرىنى ئۆزگەرتىشى تارىخىي خاراكتېرلىك، ئەتراپلىق بولۇپ، جۇڭگو يېزىلىرىدىكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئىنقىلاب. بۇ، نامرات رايونلارنىڭ قالاق قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى ئەڭ گەۋدىلىك يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا كۆك نامراتلىق تۇنجى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسى، يۈز يىللىق ئۈمىد-ئىستىكى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، بۇ − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى، يۈكسىلىشىگە زور تۆھپە قوشتى.

  ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش، نامراتلىق بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ تەڭ بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ