مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمگە ئىنكاس قايدۇردى: تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتى يەنىلا ئىنتايىن زۆرۈر

2021.04.07 12:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- ئاپرېل، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر مۇنداق سوئال سورىدى: جۇڭگو خەلقئارا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى CGTN يېقىندا شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ئائىت ھۆججەتلىك فىلىمىدىن 4-سىنى ئېلان قىلدى، بۇ فىلىم ئاممىۋى پىكىرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم تەكىتلەپ، شىنجاڭدا تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى ۋەقەسى يۈز بەرمىدى، دېگەن ئىدى. سىز ھازىر يەنىلا شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسى دەپ قارامسىز؟ جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى بۇ بىر يۈرۈش تۆت قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە چىقىش نۇقتىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسىدە شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇ بولسىمۇ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەسىلىسىدۇر. جاۋ لىجيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 1- قىسىم ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو شىنجاڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى»دە، سانسىزلىغان نەق مەيدان كۆرۈنۈشى شىنجاڭدا ئىلگىرى نۇرغۇن زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلو، ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى؛ 2- قىسىم ھۆججەتلىك فىلىم «پەردە ئارقىسىدىكى قارا قول-"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" ۋە شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق» تولۇق ۋە كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلار ئارقىلىق،"شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى" تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ شىنجاڭدىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەسىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى؛ 3- قىسىم ھۆججەتلىك فىلىم «ھەيۋەتلىك تىيانشان--جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خاتىرىسى» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش كۈرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقى ۋە قۇربان بېرىشىنى ھەقىقىي ئەسلىگە كەلتۈردى؛ يېقىندا قويۇلغان 4- قىسىم ھۆججەتلىك فىلىم «يوشۇرۇن ئېقىملار تەۋرەندى − جۇڭگو شىنجاڭدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى خىرىسلار»دا، ئاتالمىش «شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا ھەددىدىن زىيادە قارشى تۇرۇشى» ۋە «ئىرقىي يوقىتىش» دېگەندەك سەپسەتىلەرگە پاكىتلار ئارقىلىق رەددىيە بېرىپ، "شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى"نىڭ سېپى ئۆزىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

  جاۋ لىچياڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئۇدا تۆت يىلدىن كۆپرەك زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈنگە قەدەر تېررورىزم ۋە ئەسەبىزمنىڭ تەھدىتى ۋە خىرىسىغا دۇچ كەلمەكتە، شىنجاڭدا قانۇن بويىچە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش يەنىلا ئىنتايىن زۆرۈر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ