مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بايلىق ئەركىنلىكى»نىڭ ئۆلچىمى بارمۇ؟

2021.04.06 18:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، «2021-يىللىق بايلىق ئەركىنلىكى بوسۇغىسى» توغرىسىدىكى خەۋەر توردا مودا بولغان. ئالاقىدار ئېلان قىلغۇچىلار تۆۋەن دەرىجىلىك بايلىق ئەركىنلىكىنىڭ بوسۇغىسىنى «بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ 19 مىليون يۈەن، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ 12 مىليون يۈەن، ئۈچىنچى سەپتىكى شەھەرلەرنىڭ 6 مىليون يۈەن» قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ئۆلچەم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پاراڭ تېمىسىغا ئايلاندى، نۇرغۇن كىشىلەر: «ئەركىنلىك بەك قىممەت ئىكەن، يۇۋاشلىق بىلەن خىزمەت قىلسا ياخشى ئەمەسمۇ» دېيىشكەن.

  بۇنداق «بايلىق ئەركىنلىكى» ئۆلچىمى كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ناھايىتى يۇقىرى، شۇنداقلا بۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ بايلىق ئەھۋالىغا بولغان ئەندىشىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئوخشىمىغان رايون، كەسىپ ۋە كىشىلەر توپى ئارىسىدا كىرىم سەۋىيەسىدە روشەن پەرق مەۋجۇت، ھەربىر ئادەمنىڭ بايلىق ئەركىنلىكى، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېنىقلىمىسى ۋە چۈشەنچىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بىر سودا خاراكتېرلىك سانلىق مەلۇماتتا «بايلىق ئەركىنلىكى» ئۈچۈن ئۆلچەم تەسىس قىلىش ئىلمىي ئەمەس، ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپلا قالماستىن، يەنە كىشىلەرنىڭ بىلىش ۋە قىممەت قارىشىغا زەربە بېرىشى مۇمكىن. كىشىلىك ھاياتتىكى بايلىق كۆپ خىل بولىدۇ، ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتى ئۈچۈن ھەر خىل نىشانلارنى بېكىتىپ كۈرەش قىلىشنى ئارتۇقچە ئەيىبلەپ كېتىشكە بولمايدۇ، لېكىن ھەرگىزمۇ تەشۋىشنى كۆپتۈرۈۋېتىدىغان بەزى تىزىملىكنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قېلىپ، نىشاندىن ئادىشىپ قالماڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ