مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

2021.04.06 18:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «‹ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن› ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرما چىقاردى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش بىلەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئال كۆزىتىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، ئېسىل ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى، تۈپ مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، چاكارلىق ئېڭى، خەلق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىغا قويۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىدىن باشلاپ ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئەڭ رېئال مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىنچىلىقى، ئاممىنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشىنى كۆڭۈل قويۇپ ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاشقا ئىلھاملاندۇرۇش لازىم.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دىققەت ۋە كۈچنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئاممىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك بەختلىك تۇرمۇشتىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، گۈزەل، يېقىشلىق، كەسىپ گۈللەنگەن، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا-كەنت قۇرۇش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنىڭ خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، بالىلار تەربىيەلىنەلەيدىغان بولۇش، ئوقۇيدىغانلار ئوقۇيالايدىغان بولۇش، ئىشلىگەنلەر ھەق ئالالايدىغان بولۇش، كېسەل بولغانلار داۋالىنالايدىغان بولۇش، ياشانغانلار كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش، ئۆيى يوقلار ئۆيدە ئولتۇرالايدىغان بولۇش، ئاجىزلار يۆلىنەلەيدىغان بولۇشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ مەمۇرىيەت مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلققە قولايلىق يارىتىشتا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئاساسىي قاتلامدا بەرپا قىلىش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەلرايىنى تەكشۈرۈش، ئەلرايىنى بىلىشنى «ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىنىڭ بىرىنچى قەدىمى قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ئارىسىغا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە، قاراشلىق ئورۇنلارغا، خىزمەت، مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىشقا، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى ئىگىلەشكە تەشكىللەش كېرەك. دىققەتنى ئاممىنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن ئورتاق ئېھتىياج ۋە ساقلانغان ئومۇميۈزلۈك مەسىلىلەرگە، تەرەققىياتتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان خەلق تۇرمۇشى تارىخىدا قېپقالغان مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان نۇقتىلىق تۈرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە يولغا قويۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا پايدىلىق بىر تۈركۈم سىياسەت-تەدبىرلەرنى مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بىر تۈركۈم ئەمەلىي، قاتتىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلققە بىۋاسىتە بەخت يارىتىدىغان بىر تۈركۈم تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بىر تۈركۈم زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىش كېرەك. ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى پائالىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە كەڭ ئاممىنىڭ پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پائال ھەرىكەت قىلىدىغان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە خەلق ئاممىسى بەس-بەستە قاتنىشىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى تىزىملىكىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىپ، نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك؛ تۈرگە، قاتلامغا ئايرىپ يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا ئايرىم-ئايرىم تەلەپ قويۇش كېرەك؛ تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت تەلىپىنى چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبە-ئۇسۇللىرى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك؛ ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان تۈرلەرنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە دىققەت قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئىشنى ئەمەلىي، ئەمەلىي ئىشنى ياخشى قىلىپ، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ