مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەرقانچە مۇھىم يىغىن بولسىمۇ ئۈچ قېتىم ئېچىش كەتمەيدۇ

2021.04.02 19:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئوخشاش بىر تېمىدىكى مۇھىم يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقى ئۈچۈن، پۈتۈن بىر كۈن «يا يىغىن ئېچىۋاتقانلىقىنى، يا يىغىن ئاچقىلى كېتىۋاتقانلىقى»نى ئىنكاس قىلدى.

  نۆۋەتتە، شەكىلۋازلىقنى تۈزەش خىزمىتىدە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى جايلاردا «يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» مەسىلىسى يەنىلا بىرقەدەر گەۋدىلىك. بەزى كادىرلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئاچقان يىغىنغا قاتنىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامغا قايتىپ كېلىپ دەرھال يىغىن تەشكىللىمىسە، يەنە مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

  يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتىسى قانچە قېتىم ئېچىشتا ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. مۇھىم يىغىنلارنى ئۈچ قېتىم ئېچىش ناھايىتى زور دەرىجىدە كادىرلارنى مېخانىكىلىق نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش ئۇسۇلىدىن كەلگەن. يۇقىرى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئەستايىدىل ئىلگىرى سۈرگەن-سۈرمىگەنلىكىنى باھالاشنىڭ بىرىنچى ئۆتكىلى كۆپ ھاللاردا «پوزىتسىيە»دۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى كۈن بويى يىغىن ئېچىپ ئىز قالدۇرۇش ئارقىلىق «پوزىتسىيەسىنىڭ دۇرۇس بولۇشى»غا كاپالەتلىك قىلماقتا.

  بەزى كادىرلار ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان خىزمەتلەرگە ئاساسىي قاتلامدىكىلەرنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، ئەگىشىپ يىغىن ئاچقان-ئاچمىغانلىقىغا قاراپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ ئاكتىپلىقىغا ئاددىي ۋە قوپاللىق بىلەن باھا بېرىدۇ. قىسمەن كادىرلار ۋەزىپىگە «ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يېتەرلىك بولماي قېلىپ» يۇقىرىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، ئاساسىي قاتلامدىن دەرھال يىغىن ئېچىشنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتلاممۇقاتلام تەلەپ قوشۇلغاندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدىكىلەر چوڭ-كىچىك يىغىنلارنىڭ چىرمىۋېلىشىدىن خالىي بولالمايدۇ، بىيۇروكراتلىق نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ.

  مۇھىم گەپنى ئۈچ قېتىم دېيىشكە بولىدۇ، لېكىن مۇھىم يىغىننى ئۈچ قېتىم ئېچىشنىڭ ھاجىتى يوق، بولۇپمۇ سىنلىق يىغىن تېخنىكىسى مۇشۇنداق ئومۇملاشقان ۋە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە يىغىننى تەكرار ئېچىشنىڭ تېخىمۇ ھاجىتى يوق. شۇنداق بولغاندا، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋاقىت چىقىرىپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قانداق بىرلەشتۈرۈش ھەمدە خىزمەتلەرنى قانداق قانات يايدۇرۇشنى ئوبدان مۇھاكىمە قىلالايدۇ.

  كادىرلارنى ھۆججەت دۆۋىسى، يىغىن قاينىمىدىن ئازاد قىلىپ، يەرلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ھەم ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىپ، «يىغىن ئاچسا ئەھمىيەت بەرگەنلىك ھېسابلىنىدىغان، ھۆججەت تارقاتسا ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىك بولىدىغان» خاتا قاراشنى ئۆزگەرتىش كېرەك؛ شۇنداقلا باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، «ياخشى قىلىش»نى ھەقىقىي تۈردە «ياخشى سۆزلەش»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ