خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «سەنشى جىنجۇڭدا شەھەر باشقۇرغۇچىلار كوچىنى بويلاپ سودىگەرلەرنىڭ مەسنەۋىلىرىنى يىرتىپ تاشلىغان» كۆرۈنۈش تورداشلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى. شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئىنكاس قايتۇرۇپ: بۇزۇلغان، ئۆڭۈپ كەتكەن مەسنەۋىلەر ئانچە رەتلىك ئەمەس، شەھەر ئوبرازىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.
بۇ كىشىلەرگە يېقىندا كەڭ كۆلەمدە تالاش-تارتىش قوزغىغان يەنە بىر كۆرۈنۈشنى ئەسلەتتى: ئۆزىنى «شەھەر قىياپىتىنى چارلاش چوڭ ئەترىتىنىڭ باشلىقى» دەپ ئاتىۋالغان بىر ئەر، بىر دورىخانىدىن ئەينەك تامدىكى «ئەخلەت ئېلان»لارنىڭ ھەممىسىنى پاكىز تازىلاشنى تەلەپ قىلغان، «ئەگەر قارشىلىق كۆرسەتسەڭ، ئۆلتۈرسەك سورىقى يوق»، دېگەن.
ئىككى خەۋەر ئوخشاش بولمىغان ئىككى جايدا يۈز بەرگەن، ئىككى ئىش سۆزلەنگەن، لېكىن ئىككى ئورتاقلىقى بار: يەنى ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، ئاممىنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان؛ ئالاقىدار خادىملارنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاشتىكى سەۋەبى ئوخشاشلا «شەھەر قىياپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ»، دېيىش بولغان.
شەھەر قىياپىتىنى قوغداش خاتا ئەمەس، شەھەر مەدەنىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى باشقۇرۇشتىمۇ مەسىلە يوق. مەسىلە شۇ يەردىكى، زادى قانداق باشقۇرغاندا «قانۇن»، «قائىدە»، «ھېسسىيات»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ؟
«شەھەر باشقۇرغۇچىلار كوچا بويلاپ سودىگەرلەرنىڭ مەسنەۋىلىرىنى يىرتىش» ئىشىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەگەر شەھەر باشقۇرغۇچىلار قانۇن ئىجرا قىلغاندا ھۆركىرەپ بېرىپ مەسنەۋىلەرنى يىرتىپلا ئىشنى تۈگىتىشنىڭ ئورنىغا، ئىدىيەۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىسە، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ياخشى ماسلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇزۇلغان مەسنەۋىنى چوقۇم يىرتىۋېتىش كېرەكمۇ؟ قارىماققا بىر ئاز قالايمىقان بولغان تەقدىردىمۇ، شەھەر باشقۇرغۇچىلاردا بەلگىلىك كەڭ قورساقلىق بولۇشى كېرەك. «شەھەر قىياپىتىدە چېچەن پاكىزلىق» قىلىشقا بولمايدۇ.
تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا، «يۈز-ئابروي»نى ياخشى قوغداش كېرەك، پۇقرالارنىڭ «ھېسسىيات»ىغىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئەگەر باشقا ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولماي، چاغانلىق مەسنەۋىنى خالىغانچە يىرتىپ تاشلىسا، ئەل رايىغىمۇ دەز كېتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى