مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دېھقانلار كۈتۈپخانىلىرى ئىشىكنى تاقاپ «ئۇخلاپ قالمىسۇن»

2021.04.02 19:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر قىسىم دېھقانلار كۈتۈپخانىىسى، يېزا چوڭ سەھنىسى، كەنت تارىخى سارىيى، پائالىيەت مەركىزى قاتارلىق يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى يەرلىككە يېقىنلاشمىغان، بىكار تۇرۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك دېھقانلار كۈتۈپخانىلىرىنىڭ ئىشىكى ھىم يېپىلغان، يىپيېڭى كىتابلار كىتاب جازىسىدا «قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەن»، پۇقرالار ئىسراپچىلىق ھېس قىلغان، كادىرلارمۇ ئامالسىز قالغان.

  يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى كۆرگەزمە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ قېلىشنىڭ مەنبەسى قارىغۇلارچە قۇرۇلۇش قىلىشتا. بەزى جايلارنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ئەسلىھەلەر ئۆلچىمىنى «زىيادە ئاشۇرۇۋەتكەن»، مەسىلەن مەدەنىيەت پائالىيتى مەيدانلىرىنىڭ كۆلىمى، يۈرۈشلەشكەن ئاۋاز ياڭراتقۇ، چالغۇلار قاتارلىقلارغا زىيادە يۇقىرى ئۆلچەم قويۇلىدۇ. مۇشۇنداق ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئۆلچىمى سەۋەبلىك، «ئىشلەتكىلى بولۇش»نى «ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىش»قا ئايلاندۇرۇپ، قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى چوقۇم قىلىدىغان ئىشقا ئايلاندۇرۇپ، مەيدان چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان بەزى تاغلىق كەنتلەرنىمۇ باش قاتۇرۇپ چوڭ مەيدان ياساشقا مەجبۇر قىلماقتا، شۇ جايدىكى كادىرلار ئۆلچەمگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن غەم قىلىپ، نۇرغۇن پۇل خەجلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمى كۆزلىگەن ئۆلچەمگە يەتمەي، پۇقرالارمۇ رازى بولمىغان.

  يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشتا، تېخىمۇ مۇھىمى ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش كېرەك. بەزى جايلار قۇرۇلۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ باشقۇرۇشقا سەل قاراپ، ئۇزاق مۇددەت بەرپا قىلىشقا توغرا كېلىدىغان يېزا مەدەنىيىتىنى بىر قېتىملىق سېلىنمىدا پۈتىدىغان مەيدان-ساراي قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ، مەيدان-ساراينى قۇرۇپلا ئىشنى تۈگىتىپ، كېيىنكى مەزگىلدىكى ئەسلىھەلەرنى ئاسراش بىلەن كارى بولمايدۇ، مەزمۇننى داۋاملىق يېڭىلىمايدۇ، مەيدان-ساراي ئىچىدىمۇ مەخسۇس نۆۋەتچىلىك قىلىپ چۈشەندۈرىدىغان، پائالىيەت تەشكىللەيدىغان خادىملار كەمچىل بولۇپ، دەرۋازا دائىم قۇلۇپلىنىپلا ئىش تۈگەيدۇ، پۇقرالار بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ سېلىنغان مەيدان-سارايلارنى پۇقرالار ئىشلىتەلمەيدۇ، بۇنداق شەكىلگە قۇرغان مەيدان-سارايلارنى سالغاندىن كۆرە، سالمىغان تۈزۈك.

  يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى جانلىق ئىشلىتىش ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭى تەپەككۇرى ۋە ئەمەلىي ئۇسۇلىغا موھتاج. يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ياخشى ئىشلەنسە ھەم يېزا ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى، ھەم يېزا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ. يېزا-كەنتلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشتە، بىر ئەجىر بىلەنلا مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولمايدۇ، يېزا-كەنتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا سىجىل كۈچەش لازىم، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك كېرەك، ئەسلىھە ئۆلچىمى جەھەتتە ئۆز جايىنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەزمۇن تەمىناتى جەھەتتە دەل جايىدا ئىش كۆرۈپ، قۇرۇلۇش قىلىش بىلەن ئاسراشنى بىرلەشتۈرۈپ، قاتتىق دېتالنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقانلارنى يېزا مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىگە يېقىنلىشىشنى خالايدىغان قىلىپ، بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ رولىنى تېخىمۇ زور جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ