مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چارلاشتا «ئۆلتۈرسەك سورىقى يوق» دەپ جار سالدى

قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى قانداقمۇ «سىرتقا ھۆددىگە بېرىش»كە بولسۇن؟

2021.04.02 19:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئەگەر رەددىيە بەرسەڭ، سېنى ئۆلتۈرسەك سورىقى يوق.» بۇ، كىنونىڭ سەھنە سۆزى ئەمەس، بەلكى رېئال تۇرمۇشتىكى بىر كۆرۈنۈش.

  يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ تۇڭشياڭ شەھىرىدىكى بىر «شەھەر قىياپىتىنى چارلىغۇچى» كوچا بويىدىكى دورىخانىلاردىن ئەينەكتىكى دۇكان نامى بەلگىسىنى يىرتىپ تاشلاشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ «مۇتتەھەم» ھەم سىرلىق «سەھنە سۆزى»نى ئېيتتى. ئاممىۋى پىكىرنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن، شۇ جايدىكى تارماقلار ئىنكاس قايتۇرۇپ، يۇقارقى سۆزلەرنى قىلغان چارلىغۇچىنىڭ ئۈچىنچى تەرەپ ھۆددىگە ئالغۇچى شىركەتنىڭ خادىمى ئىكەنلىكىنى، ئۈچىنچى تەرەپ شىركەتكە ئۇ چارلىغۇچىنى خىزمەتتىن توختىتىپ تەكشۈرۈشنى بۇيرۇغانلىقىنى ئېيتتى.

  «ئۆلتۈرسەك سورىقى يوق» دېگەن بۇ چارلىغۇچى خادىم ھەيۋە قىلىپ، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللانغان بولۇپ، پوزىتسىيەسى ئىنتايىن ناچار، خىزمەت ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزدى، شۇڭا ئۇنىڭ قىلمىشىنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە جازالاش كېرەك.

  ھالبۇكى، شۇ جايدىكى ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ئىشنى «سىرتتىكى ھۆددىگە ئالغۇچى خادىملار» قىلغان، دەپ «سىرتتىكى ھۆددىگە ئالغۇچى خادىملار»نى ئاممىۋى پىكىرگە تاقابىل تۇرىدىغان «ئوت ئۆچۈرگۈچى» قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشكە تاقابىل تۇرىدىغان قالقان قىلىۋالغان. بۇنداق كۆرۈنۈشلەر بىرئاز تونۇش كۆرۈنىدىغان بولۇپ، قارىماققا جاۋاب بەرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئېغىرىدىن قېچىپ يېنىكىگە يۈگۈرۈش، مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىلىش كېرەككى، گەرچە سالاھىيىتى «سىرتتىكى ھۆددىگە ئالغۇچى خادىم» بولسىمۇ، لېكىن مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولغاچقا، كۆز بويامچىلىق بىلەن قېچىشقا بولمايدۇ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، ھۆكۈمەتنىڭ سىرتقا ھۆددىگە بېرىشى ئادەتتە بىر قىسىم ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كەسپىي ئاپپارات، تەشكىلاتلارغا ھۆددىگە بېرىپ، كەسپىي ئىشلارنى كەسپىي كىشىلەرگە قىلدۇرۇش بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تۆۋەن سەرپىياتلىق بولۇش، خەلققە قولايلىق، نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. لېكىن، «شەھەر قىياپىتىنى چارلاپ تەكشۈرۈش»، كوچىلارنى تۈزەش ئېنىقلا قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا چېتىلىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى ئاممىۋى تارماقلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، بۇنى قانداقمۇ سىرتقا ھۆددىگە بەرگىلى بولسۇن؟ بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك 3-تەرەپ سىرتقى ھۆددىگەرلىك شىركىتى سىرتقى ھۆددىگەرلىك سالاھىيىتىگە قانداق ئېرىشكەندۇ؟ ئالاقىدار تارماقلار بۇنى ئاممىغا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، گۇماننى تۈگىتىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ