2021-يىللىق بېيجىڭ كىتاب زاكاز قىلىش يەرمەنكىسى بېيجىڭدا باشلاندى

2021.04.01 19:09 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 31-مارت، بېيجىڭ كىتاب زاكاز قىلىش يەرمەنكىسىدە تارتىلغان كىتابلار.

  شۇ كۈنى، ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان 34-نۆۋەتلىك بېيجىڭ كىتاب زاكاز قىلىش يەرمەنكىسى جۇڭگو خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە (كونا ساراي) باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك مال زاكاز قىلىش يەرمەنكىسى 700 گە يېقىن نەشرىيات ۋە مەدەنىيەت ئاپپاراتىنى جەلپ قىلدى، 400 مىڭ خىلغا يېقىن كىتاب كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلدى، مەيدان ئىچى ۋە سىرتىدىكى 200 مەيداندىن ئارتۇق مەدەنىيەت پائالىيىتى پىلانلاندى. مال زاكاز قىلىش يەرمەنكىسىدە يەنە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان كىتاب كۆرگەزمە رايونى ئالاھىدە قۇرۇلۇپ، نەشرىيات ئورۇنلىرى پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا سوۋغا قىلغان سۈپەتلىك كىتابلار كۆرگەزمە قىلىندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى جىڭ فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ