مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2021.04.01 13:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 1-ئاپرېل نەشردىن چىققان 7-سانىدا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلىنغان سۆز» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تارىخىي يېڭى باشلانمىسىغا قارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقى بىلەن دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن چىقارغان زور تەدبىرى. پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تارىخنى ئۆگىنىپ داۋلىنى بىلىش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاش، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت ھەم جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك!

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان مۇھىم پەيت، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى تارىخىي كېسىشكەن ھالقىلىق پەيتتە، پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇ ھەم ئىنتايىن زۆرۈر. پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش-ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىش، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى يەنىمۇ ھېس قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىقنى كۈچەيتىش لازىم. ئىككىنچى، تارىخىي تەرەققىيات قانۇنىيىتى ۋە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ ئىگىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تارىخىي تەشەببۇسكارلىقىنى باشتىن-ئاخىر ئىگىلەش كېرەك. ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، باش مەقسىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ روشەن خىسلىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش لازىم. تۆتىنچى، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەنىمۇ يەكۈنلەپ، خىيىم-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. بەشىنچى، ئىنقىلابىي روھنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان كۆتۈرەڭگۈ روھنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش لازىم. ئالتىنچى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مەركەزلىك بىرلىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملىشى لازىم. بىرىنچى، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچى، توغرا پارتىيە تارىخى قارىشىنى تۇرغۇزۇش؛ ئۈچىنچى، ئاممىغا ھەقىقىي ھالدا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش؛ تۆتىنچى، شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتتە پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى تەشۋىق-تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تارىخى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئامما ئارىسىغا، ئاساسىي قاتلامغا، كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش لازىم.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ