مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى قايتۇرغان ئەڭ يېڭى ئىنكاس

2021.04.01 12:24 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ۋۇ چيەن جۇڭگو-ياپونىيە مۇداپىئە تارماقلىرى مېخانىزم خاراكتېرلىك كېڭىشىش توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە: سوئال: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە تارماقلىرى 29- مارت «دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمى» يىللىق سىن يىغىنى ئۆتكۈزگەن. باياناتچى سۈپىتىدىكى سىز بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  جاۋاب: 3- ئاينىڭ 29- كۈنى، جۇڭگو-ياپونىيە مۇداپىئە تارماقلىرى سىن شەكلى ئارقىلىق بىرلىكتە دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنىڭ 3- قېتىملىق يىللىق يىغىنى ۋە مۇداپىئە تارماقلىرىنىڭ 5- قېتىملىق خىزمەت قاتلىمى كېڭىشىنى ئۆتكۈزدى، ئۇنىڭدا ئاساسلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ دېڭىز-ھاۋا بىخەتەرلىك سىياسىتى، رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى ۋە مۇداپىئە ئىشلىرى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

  يىغىندا، جۇڭگو دياۋيۈ ئارىلى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاراللارنىڭ جۇڭگونىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى، مەيلى ياپونىيە قانداق ئويلىسۇن، بۇ پاكىتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقىنى؛ ياپونىيە دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىدە جۇڭگوغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىدىغان بارلىق قىلمىشلارنى توختىتىشى، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، جۇڭگونى ئاغدۇرۇۋېتىش خىيالىدا بولماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. جۇڭگو يەنە ياپونىيەنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى جۇڭگوغا ئالاقىدار بىر قاتار پاسسىپ ھەرىكەتلىرىگە قارىتا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈدىغانلىقى ۋە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ياپونىيەدىن خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگوغا ئىغۋا تارقىتىپ ئازار بېرىدىغان ئىشلارنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. جۇڭگو تەرەپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دېڭىز ساقچىلىرى قانۇنى»نى تۈزۈش جۇڭگونىڭ نورمال قانۇن چىقىرىش پائالىيىتى بولۇپ، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا ئادەتكە تامامەن ئۇيغۇن.

  ئىككى تەرەپ دېڭىز-ھاۋا ئالاقە مېخانىزمىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئورتاق ئەسلەپ ئۆتتى، مېخانىزمنىڭ خاتا چۈشىنىش ۋە خاتا ھۆكۈم قىلىشنى ئازايتىش، دېڭىز-ھاۋا بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى،بىۋاسىتە ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى بالدۇراق ئېچىش قاتارلىق پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئورتاق تونۇشى بويىچە، مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشەنچنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، گۇماننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئىجابىي بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى تەكىتلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ