مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ھەرقانداق مۇسابىقە بىلەن باغلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

مۇسابىقە تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش كېرەك

2021.04.01 12:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، «14- بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە يېقىن ئەتراپتا ئىمتىھانسىز ئوقۇشقا كىرىش بەلگىلىمىسى ۋە«دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەر بىلەن پۇقرالار ئاچقان مەكتەپلەر ماس قەدەملىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» سىياسىتىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى ھەر قانداق شەكىلدىكى ئىجتىمائىي مۇسابىقە بىلەن باغلاشنى قاتتىق چەكلەپ، مەنپەئەت زەنجىرىنى قەتئىي ئۈزۈپ تاشلاپ، ياخشى مائارىپ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش لازىم.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لۈ يۈگاڭ يىغىندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر قانداق مۇسابىقە تۈرلىرى يەنە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلارنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. كېيىنكى قەدەمدە مۇسابىقە تۈرلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ مۇسابىقىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.

  يېقىندا جەمئىيەت ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس يۈكىنى يېنىكلىتىش ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارىتا، لۈ يۈگاڭ مۇنداق جاۋاب بەردى: بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى تۈزەش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەكتەپنىڭ ئادەم تەربىيەلەشتىكى ئاساسىي بازىلىق رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش يۈكى ۋە تاپشۇرۇق يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ