شەنشى يەنئەندە ئىنقىلابىي كونا جايلار پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش جانلىق دەرسخانىسى بولۇپ قالدى

2021.03.31 18:00 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئېكسكۇرسىيىچىلەر شەنشى يەنئەندىكى زاۋيۈەن ئىنقىلابىي خارابىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىنقىلابنىڭ مۇقەددەس جايى يەنئەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئاممىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە جەلپ قىلدى، يەنئەن شەھىرىدىكى نۇرغۇن ئىنقىلابىي كونا جايلار پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ جانلىق دەرسخانىسىغا ئايلاندى.

  شەنشى يەنئەن چېگراسى ئىچىدە 445 ئىنقىلابىي ئورۇن بار بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ مۇكەممەل ساقلانغان، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىنقىلابىي خارابە توپى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەنئەن شەھىرى ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئېڭى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، 2019-يىلى، باۋتاشەن تېغى، زاۋيۈەن ئىنقىلابىي كونا ئورنى، ياڭجيالىڭ ئىنقىلابىي كونا ئورنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە رايونى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت A5 دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ بوۋېن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ