مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش كۆلىمى مۇقىم بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

2021.03.31 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئېچىلغان گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن ئېچىپ پايدىلىنىش كۆلىمى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، ئېنېرگىيەنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە گېنېراتورلار ئومۇمىي كۆلىمى 930 مىليون كىلوۋاتقا يېتىپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار ئومۇمىي سىغىمىنىڭ %42.4ىنى ئىگىلەپ، 2012-يىلىدىكىدىن 14.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، 2020-يىلى، ئېلىمىزنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش مىقدارى 2 تىرىليون 200 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %29.5 كە يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن 9.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ سۇ ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 370 مىليون كىلوۋات، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 280 مىليون كىلوۋات، يورۇقلۇق ۋولت گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 250 مىليون كىلوۋات، بىيوماسسا گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 29 مىليون 520 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۇدا 16 يىل، 11 يىل، ئالتە يىل ۋە ئۈچ يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ھاسىلىي ئېنېرگىيە تېخنىكا كەسىپ سىستېمىسى شەكىللەندى. سۇ ئېلېكتىر ساھەسىدە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ مىليون كىلوۋاتلىق سۇ تۇربىنىلىق گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى مۇستەقىل لايىھەلەش، ياساش ئىقتىدارى ھازىرلاندى. شامال سۈرئىتى تۆۋەن شامال ئېلېكتىر تېخنىكىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرىنىڭ % 90تىن كۆپرەكىدە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلىرى قوللىنىلدى.

  دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، تېخىمۇ ئاكتىپ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىيات نىشانىنى تۈزۈپ، يېڭى دەۋردىكى ھاسىلىي ئېنېرگىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك، يۇقىرى نىسبەتلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، بازارلاشقان تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ھاسىلىي ئېنېرگىيە سەپلىمە ھەرىكىتىنى تېز يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئىستېمال قىلىش ۋە ساقلاش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى پائال بەرپا قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ