ۋىرۇس مەنبەسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ئاخىرى ئېلان قىلىندى!

2021.03.31 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتى، يەنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە تەتقىقات دوكلاتى 30- چېسلا جەنۋەدە ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا دېيىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن قېچىپ ئىنسانلار ئارىسىغا كىرگەن بولۇشى «بەكلا مۇمكىن ئەمەس» ئىكەن، ئەمما، ۋىرۇسنىڭ ئارىلىقتىكى ماكانىدىن چىقىپ ئىنسانلار ئارىسىغا كىرگەن بولۇش ئېھتىماللىقى «بىر قەدەر مۇمكىن»، ھەتتا «ئىنتايىن مۇمكىن» ئىكەن. ۋىرۇسنىڭ ھايۋاندىن چىقىپ ئىنسانلار ئارىسىغا كىرگەن بولۇشى «مۇمكىن» ياكى «بىر قەدەر مۇمكىن» ئىكەن. شۇنداقلا، سوغۇق زەنجىرلىك ئوبوروت يېمەكلىكلىرىدىن ئىنسانلار ئارىسىغا كىرگەن بولۇشىمۇ «مۇمكىن» ئىكەن.

  دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يەنە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دەسلەپكى تارقىلىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىش تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرۈپ چىققان. شۇ تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ مۇسبەت ئەۋرىشكىسىنىڭ ئېلىنغان ۋاقتى ئەڭ دەسلەپتە تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بىماردىن يەنە نەچچە ھەپتە بۇرۇن ئىكەن، بەزى ئەۋرىشكىلەرنىڭ ۋاقتى ھەتتا ۋۇخەندە بايقالغان تۇنجى بىماردىنمۇ بالدۇر ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋال باشقا دۆلەتلەردە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ تۈردىكى تەتقىقاتلارنىڭ سۈپىتى يەنىلا چەكلىك، لېكىن، دەسلەپكى مەزگىلدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يوشۇرۇن تارقىلىشىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ دوكلات بولسا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ يەر شارى مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ جۇڭگودىكى قىسمىدۇر. شۇ كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ چەت ئەل تەرەپ باشلىقى پېتېر بىن ئەنبالىك قاتارلىقلار بىرلەشمە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋۇخەندىكى نەق مەيدان خىزمىتى ۋە ئورتاق تەتقىقات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەمدە جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئالىملارنىڭ بۇ قېتىمقى مەنبە تەكشۈرۈش ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ