مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى قۇم-بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدۇ

2021.03.29 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 6 دە داۋاملىق قۇم-بوراندىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى. مۆلچەرلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 29-كۈنى سائەت 8 دىن 30-كۈنى سائەت 8 گىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمى، تيەنجىن، خېبېينىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمى، سەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، خېنەن، شەندۇڭ، جياڭسۇ، ئەنخۇينىڭ شىمالىي قىسمى، شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى ۋە شەرقىي قىسمى، گەنسۇنىڭ شىمالىي قىسمى، نىڭشيا، شەنشىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق جايلاردا قۇم-بوران ياكى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى قىسمەن جايلاردا قۇم-بوران چىقىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ