مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھەقىقىي ھەرىكەت قوللىنىش كېرەك

2021.03.26 18:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئىسلاھات ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان شەكىلۋازلىق مەسىلىلىرىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش لازىم»، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى تۈزەشنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى. يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان «شەكىلۋازلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، 2019-يىلىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش يىلى قىلىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

  يىغىننى قىسقارتىپ ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇپ ئىش بېجىرىشنى يولغا قويۇش، ئۈنۈم باشقۇرۇش لايىھەسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش، باھالاش ئىشلىرىنى ئېنىقلاش... يېقىندا، جايلار، تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر چىقىرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىپ، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەرگە ئىلھام بېرىپ، نۇرغۇن ئالقىشقا ئېرىشتى.

  يۈكنى يېنىكلىتىش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، شۇنداقلا كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ جىددىي تەلىپى. يۈكنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ھەقىقىي يۈكنى يېنىكلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە يەنە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېنىق تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلارغا تارقىتىلغان ھۆججەتلەردە ئېچىلىدىغان يىغىن %30 تىن %50 كىچە ئازايتىلىدۇ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالايدۇ، ناھىيە، يېزا، كەنت ۋە زاۋۇت، كان، كارخانا، مەكتەپلەرنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈپ باھالايدىغان ئىشلار %50 تىن كۆپرەك ئازايتىلىدۇ. بۇ مىقدارلاشتۇرۇلغان رەقەملەر دىققەتنى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئاغرىش نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە بەل باغلاپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  بۇ قاتتىق جەڭنى ياخشى قىلىشتا، شەكىلۋازلىق ئارقىلىق شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇشتىن ساقلىنىش شەرت. يۈكنى يېنىكلىتىش دېگەنلىك − يىغىن ئېچىش، ھۆججەت تارقىتىش، تەكشۈرۈش، باھالاش قاتارلىقلارنى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشتۇر، ئەمدى يەنە «يىغىن ئارقىلىق يىغىننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھۆججەت ئارقىلىق ھۆججەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش» غەلىتە چەمبىرىكىگە پېتىپ قېلىشقا بولمايدۇ. قايسى يۈكلەرنى يېنىكلىتىش، قانداق يېنىكلىتىشتە ئەمەلىي تەدبىر، ئۈنۈملۈك چارە قوللىنىپ، ئاساسىي قاتلامغا ھەرىكەتنى، ئۆزگىرىشنى ھەقىقىي كۆرسىتىش كېرەك.

  يۈكنى يېنىكلەتكەن-يېنىكلەتمىگەنلىكىگە قاراشتا، مۇھىمى ئۈنۈمگە قاراش كېرەك. يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمى قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تەسىراتىنى كۆپرەك سوراپ، ئاممىنىڭ باھاسىنى كۆپرەك ئاڭلاپ، دىققەتنى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەھۋالىغا كۆپرەك مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. كادىرلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەتنى تۇتۇشى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى − ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشتىكى دەسلەپكى مەقسەت، شۇنداقلا يۈكنى يېنىكلىتىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتىكى ئۆلچەمدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ