مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كېلىنچەك ۋە قىز قولداشنى مەجبۇرىي سۆيۈۋېلىش، تويى بولغان يىگىتنى دەرەخكە باغلاپ قويۇش؟

توي جېدەللىرىدىكى ناچار ئادەتلەرگە چوقۇم قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك

2021.03.26 18:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «توي مۇراسىمى پائالىيىتىدە، تويى بولغان يىگىت، كېلىنچەك ۋە باشقا كىشىلەرنى كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىشقا، زەنجىر سېلىپ قويۇشقا ياكى باغلاپ قويۇشقا مەجبۇرلاش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ؛ مەجبۇرىي سۆيۈش، قۇچاقلاش ياكى باشقا ئۇسۇللار بىلەن كېلىنچەك، قىز قولداشنى ھاقارەتلەش، پەسكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ... خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قىلمىشىغا قاراپ قانۇن بويىچە ئامانلىق جازاسى بېرىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.» يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زوۋپىڭ شەھىرى «ناچار توي جېدەللىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلىپ، چاكىنا، ناچار توي جېدەللىرىنى قاتتىق جازالاپ، تورداشلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.

  ناچار توي جېدەللىرى ئۆرپ-ئادەت تۆۋەن چېكىنى بۇزۇپ تاشلىغان بولۇپ، زەربە بېرىش، تۈزەش ئىزچىل ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. 2016-يىلى 10-ئايدا، يۈننەن ئۆلكىسى دالى شەھىرى مەدەنىيەتسىز توي جېدىلى قىلمىشلىرىنى يەنىمۇ تۈزەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چاكىنا، پەسكەش ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ۋە يالىڭاچلىنىش، پەسكەش، غەلىتە كىيىم-كېچەك كېيىش، تۇخۇم ئېتىش قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن جياڭسۇ يەنچېڭ، شەندۇڭ شىنشيەن قاتارلىق جايلارمۇ ئالاقىدار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ قېتىمقى زو پىڭ شەھىرىنىڭ ئېلانى ئاممىنىڭ قىزغىن ئىنكاسىنى قوزغىدى، بۇ ھەم بۇ سىياسەتنىڭ دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، ھەم ناچار توي جېدەللىرىنىڭ بەزى جايلاردا ھېلىھەم يامان تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى يان تەرەپتىن ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ناچار توي جېدىلى ئادىتىنى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشتا، يەنە بەزى خاتا تونۇشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بۇ ناچار ئۆرپ-ئادەتلەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشتە، دائىم بوشاشماي چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. چاكىنا، ناچار توي جېدىلىدىن باشقا، يۇقىرى باھالىق تويلۇق، ھەشەمەتچىلىك، ئىسراپچىلىق، تويلۇقتا بەسلىشىش قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارمۇ گۈزەل ئارزۇ-ئۈمىد يۈكلەنگەن ئۆيلىنىشتىكى قائىدە-يوسۇن، ئۆرپ-ئادەتلەرگە داغ چۈشۈرمەكتە. نەپىس، تەنتەنىلىك، ئىقتىسادچىللىق بىلەن توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەخلاق، قانۇننىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى قېلىپلاشتۇرۇش، كەيپىياتنى يېتەكلەشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ناتوغرا ئىستىل، ناچار كەيپىياتقا ھېچقانداق ئارام ئېلىش بوشلۇقى قالدۇرمىغاندىلا، ئاندىن ئۆيلىنىش ئۆرپ-ئادىتىنىڭ مەدەنىيلىشىشى، چاكىنىلىقنى تۈگىتىشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ