جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشى

2021.03.26 18:24 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ بەلگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ بىردىنبىر بېكىتىلگەن بەلگىسى.

  بىرىنچى، ئىشلىتىش دائىرىسى

  1. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ھەم باشقا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.

  2. تەبرىكلەش پائالىيىتى مۇھىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تەكلىپنامە، كىنىشكا، بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار، يوقلىما ئىمزا خاتىرىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  3. ئاممىۋى خاراكتېرلىك باش تېما تەربىيەسى پائالىيىتىدىكى ئارقا كۆرۈنۈش تاختىسى، بەلگە تاختىسى، رەڭلىك بايراق، ئاپتاپ توسۇش كۈنلۈكى، ئاپتاپ توسۇش شەپكىسى، قول سومكىسى، مەدەنىيەت مايكىسى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  4. ئاخبارات خەۋەرلىرى مەخسۇس تېمىسى، مەخسۇس ئىستونى، مەخسۇس تېمىلىق تور بېتى ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرى، تەشۋىقات ۋەرەقىسى، تەشۋىقات لوزۇنكىسى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئېلانى، ئېلان - تەشۋىقات رەسىملىرى قاتارلىقلارنى تەييارلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.

  5. تەبرىكلەش پائالىيىتى ئىزنىكى، ۋاقىتلىق چاپلاق، مەيدە كارتىسى، يەڭ بەلگىسى قاتارلىقلارنى ياساشقا ئىشلىتىلىپ، ئاممىنىڭ تاقىشى، خاتىرە قالدۇرۇشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، ئىشلىتىش تەلىپى

  1. تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئىشلىتىشتە ئېھتىياتچان، كەسكىن بولۇش كېرەك، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە، شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى رەڭگىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، چوڭايتىش ياكى كىچىكلىتىش سەۋەبلىك بەلگىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزۇۋېتىشكە بولمايدۇ.

  2. تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى سودا ئېلانىغا، تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىشلەشكە ياكى باشقا ھەرقانداق سودا خاراكتېرلىك ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، شەخسىي تەبرىكلەش ۋە تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  3. تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئېلېمېنت قىلىپ ياسالغان بۇيۇملار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش باش تېمىسى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولۇشى كېرەك، قالايمىقان ئىشلىتىشكە، كەلسە - كەلمەس ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

  4. تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى ئىشلىتىشتە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ۋاقىتقا، ئورۇنغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق ئىگىلەپ، ئومۇمىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ھەم قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى يارىتىشقا پايدىلىق بولۇشىغا، ھەم ھازىرقى ئادىمىيەت، تەبىئەت مەنزىرىسىنى بۇزۇۋەتمەسلىككە دىققەت قىلىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ مۇھىت قىياپىتى بىلەن ماس بولۇشقا، بىردەك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش

  1. تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىدە بولىدۇ.

  2. بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تارماقلىرى تەبرىكلەش پائالىيىتى بەلگىسىنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، بەلگىنى سودىدا رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، بەلگە ئىشلىتىلىدىغان بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

  3. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەۋەلىكىدىكى پائالىيەتلەر ۋە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىپ، بەلگىنى تەلەپ بويىچە ئىشلەتمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاراتمىلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ۋاقتىدا تۈزىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى

  2021 - يىلى 3 - ئاينىڭ 24 - كۈنى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ