مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۇزىمىزنى يەپ، تۇزلۇقىمىزنى چېقىشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق

2021.03.25 18:39 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  HM گۇرۇھى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرقانداق كىيىم-كېچەك زاۋۇتى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى، بۇ رايوندىن مەھسۇلات / خام ماتېرىيال سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنداق قىلىشى جۇڭگودىكى كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ لەنىتىگە قالىدۇ.

  23-مارت، جىنەن داشۆسى تارقىتىش ۋە چېگرا رايوننى ئىدارە قىلىش تەتقىقات يۇرتى «‹مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش›مۇ ياكى ‹گۈزەل تۇرمۇشقا ئىنتىلىش›مۇ؟ − شىنجاڭلىق ئىشچىلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەردە ئىشلەمچىلىك قىلىش ئەھۋالى» ناملىق تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولغان بىرىنچى قول ماتېرىيال ئارقىلىق غەربتىكى بەزى تاراتقۇلارنىڭ ئاتالمىش جۇڭگو ھۆكۈمىتى «مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى»، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتتى» دېگەندەك يالغان گەپلىرىنى پاش قىلدى. فىرانسىيە يازغۇچىسى ۋىۋاسمۇ ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى» ناملىق ئەسىرىدە ئەزەلدىن شىنجاڭغا بېرىپ باقمىغان بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يالغان خەۋەر توقۇشتەك ھەيلە-مىكىرلىرىنى ئېنىق پاش قىلدى.

  بەلكىم بەزى غەرب شىركەتلىرى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قەستەن شۇنداق قىلىشى ئۇلارنىڭ تەبىئىي تەكەببۇرلۇق ۋە بىر تەرەپلىمە قاراشقا ئادەتلىنىپ قالغانلىقىدىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇلار تارقاتقان ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىدىغان سۆزلەر ئۇلارنىڭ ۋاقىتلىق ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈندۇر. ئۇلارنىڭ غەم قىلىدىغىنى شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ئىشچان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلارنىڭ يەر شارى سودىسىدىكى پايدىسىنى تارتىۋېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.

  جۇڭگوغا زىيانكەشلىك قىلماقچى، يەنە جۇڭگودا پۇل تاپماقچى بولۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ