ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

2021.03.24 19:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 23-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىدا تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلق بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغان، ھايات-ماماتتا بىللە بولغان، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىگەن ئۇلۇغ مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق نەتىجىلىرى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، يۈز بەرگەن تارىخىي ئۆزگىرىشلەر نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدىكەن ۋە سەپەرۋەر قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاساسلىقى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. ئىككىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىكەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدىكەن. ئۈچىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا، پارتىيەگە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان، قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق ياراتقان پارتىيە ئەزالىرىغا «1-ئىيۇل» ئوردېنى بېرىلىدىكەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇۋاھنامە، ئوردېن تارقىتىپ بېرىدىكەن؛ مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى باھالاپ تەقدىرلىنىدىكەن؛ پارتىيەلىك ئىستاژى 50 يىلغا يەتكەن، ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى بولغان ھايات پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرىغا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىلىدىكەن؛ پارتىيە ئىچىدە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەن، تەقدىرلەنگەن پارتىيە ئەزالىرى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار ۋە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى يوقلاش، ئۇلاردىن ھال سوراش قاتارلىق پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلىدىكەن. تۆتىنچى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» چوڭ تىپتىكى باش تېما كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق شانلىق مۇساپىسى، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيىتى ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، جانلىق، ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىدىكەن. بەشىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات - سەنئەت ئويۇنى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەن، تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلار ئويۇن كۆرۈشكە تەكلىپ قىلىنىدىكەن. ئالتىنچى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىدىكەن؛ مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى، ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ۋە پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، پېشقەدەم كادىرلار سۆھبەت يىغىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشى تارىخىي تەجرىبىلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچىدىكەن؛ مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن كېڭىشىپ، ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچىدىكەن. يەتتىنچى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيانقى شانلىق تارىخ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەر، شۇنىڭدەك ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە مەيدانغا كەلگەن ئىلغار تىپلار ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان چوڭ تىپتىكى ھۆججەتلىك مەخسۇس فىلىم ۋە مەخسۇس پىروگراممىلار ئىشلەپ كۆرسىتىلىدىكەن؛ بىر تۈركۈم بىرقەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى سەنئەت سەۋىيەسىگە ئىگە تىياتىر، مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە كىنو، تېلېۋىزىيە تىياتىرى قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئىجاد قىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدىكەن؛ بىر تۈركۈم نۇقتىلىق پارتىيە تارىخى ئەسەرلىرى ۋە نەزەرىيە ماقالىلىرى چىقىرىلىدىكەن؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىقى» قاتارلىق نۇقتىلىق نەشر بۇيۇملىرى تۈزۈپ چىقىلىدىكەن؛ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئاساسىي تېما قىلىنىپ خاتىرە پوچتا ماركىسى، خاتىرە كونۋېرت ۋە خاتىرە پۇل تارقىتىلىدىكەن. سەككىزىنچى، مەملىكەت بويىچە شەھەر - يېزىلاردا «مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» ئاممىۋى تەشۋىقات - تەربىيە پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلىدىكەن؛ ھەرقايسى جايلار، بولۇپمۇ پارتىيە تارىخىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە، مۇھىم پائالىيەت ۋە مۇھىم خارابە، كونا جاي قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ، مول مەزمۇنلۇق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەبرىكلەش پائالىيىتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داغدۇغىلىق، قىزغىن، ئەمەلىي، تېجەشلىك، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتكە مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇي ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ شىڭگو، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەدەنىيەت - ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇ خېپىڭ، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى چۈ چىڭشەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى لى جۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئېلان قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ