مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل 1-ئىيۇل ئىزنىكى تۇنجى قېتىم باھالاپ تارقىتىلىدۇ

2021.03.24 19:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فۇ شىڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «1-ئىيۇل ئىزنىكى»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەسىس قىلغان بولۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا «بەش يىل، ئون يىل» بولغاندا بېرىلىدۇ. بۇ يىل «1-ئىيۇل» ئالدىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى داغدۇغىلىق تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىزنىكى تارقىتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ خىزمەت تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

  فۇ شىڭگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، بۇ يىل ھايات تۇرۇۋاتقان، پارتىيەلىك ئىستاژى 50 يىلغا يېتىدىغان، ئىزچىل ئىپادىسى ياخشى بولغان پارتىيە ئەزالىرىغا تۇنجى قېتىم «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە ئىزنىكى تارقىتىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى خاتىرە ئىزنىكىنى لايىھەلەش، ياساش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇۋاتقان بولۇپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان 7 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسىنىڭ «1-ئىيۇل»دىن بۇرۇن خاتىرە ئىزنىكىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ