پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ھەربىي پارات ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى
2021.03.24 19:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ياردەمچىسى لى جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە ھەربىي پارات ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر كۈرەش ئورنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەيدۇ، ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ