مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قايسى كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئەملەش مۇۋاپىق ئەمەس؟ ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشكە بولامدۇ؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سوئال-جاۋاب بۇ يەردە

2021.03.23 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «3-ئاينىڭ 20-كۈنى سائەت 24 كىچە، مەملىكەت بويىچە 74 مىليون 956 مىڭ قېتىم ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكى دوكلات قىلىندى.» دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مى فېڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى گوۋۇيۈەن بىرلەشمە ئالدىنى ئېلىش، بىرلەشمە تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ئىچىدە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ۋەزىيەت ساقلاندى، لېكىن يەنىلا تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، تىزگىنلەپ، كۆلەم خاراكتېرلىك قايتا كۆرۈلۈشنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى ۋاكسىنىلارنى قوشۇپ ئەملەشكە بولامدۇ؟ ياشانغانلار، ھامىلىدار ئاياللارغا ئەملەشكە ماس كېلەمدۇ؟ ئەملىگەندىن كېيىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشكە بولامدۇ؟ 21-مارت، بىر قانچە تارماق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئۈنۈمىگە چېتىلىدىغان قىزىق نۇقتىلارغا ئىنكاس قايتۇردى.

  ئوخشاش بولمىغان ماركىدىكى ۋاكسىنىلارنى ئۈستى-ئۈستىگە ئەملەشكە بولامدۇ؟

  دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسىنىڭ 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچىسى خې چىڭخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوخشاش بولمىغان كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ۋاكسىنىنى ئۈستى-ئۈستىگە ياكى ئورنىغا دەسسىتىپ ئەملەشكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا يەنىلا تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ ھەمدە تەتقىقات نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسەن ئېنىق سىياسەت-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە شەرتلىك بازارغا سېلىنغان تۆت خىل ۋاكسىنىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك. ئامما ئۆزى تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە تېزدىن ۋاكسىنا ئەملەتسە بولىدۇ.

  60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارغا ۋاكسىنا ئەملەشكە بولامدۇ؟

  «قىسمەن رايونلار تولۇق باھالىغاندىن كېيىن، 60 ياشتىن ئاشقان سالامەتلىك شارائىتى بىر قەدەر ياخشى بولغان ياشانغانلارغا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشنى باشلىدى.»

  خې چىڭخۇا مۇنداق جاۋاب بەردى: نۆۋەتتە، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئورۇنلىرىمۇ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى تېز ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، كىلىنىكىلىق سىناقتا يېتەرلىك بىخەتەرلىك، ئۈنۈملۈك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشكەندىن كېيىن، 60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلىدۇ.

  قايسى كىشىلەر ۋاكسىنا ئەملەشكە ماس كەلمەيدۇ؟

  خې چىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر قوشۇمچە شەرت بىلەن بازارغا سېلىنغان تۆت خىل ۋاكسىنىنىڭ چۈشەندۈرمىسىدە ئەملەشتىن پەرھىز تۇتۇش ھەققىدە ئېنىق بېكىتىلمە بولۇپ، ۋاكسىنىدىكى تەركىبلەرگە قارىتا زىيادە سەزگۈر، قان تومۇر نېرۋا مەنبەلىك سۇلۇق ئىششىق، نەپەس ئېلىشى قىيىن، تۇتقاقلىق ياكى باشقا نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى، گرېنبارى يىغىندى كېسەللىك تارىخى بار كىشىلەرگە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. خې چىڭخۇا يەنە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ئەملەشكە مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ ئىممۇنىتېتلاش يىرىك پىلانى باش مۇتەخەسسىسى ۋاڭ خۇاچىڭ مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ئەگەر ھامىلىدار ئىكەنلىكى بايقالغاندا، نۆۋەتتىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئىلگىرىكى ۋاكسىنا ئىشلىتىش تەجرىبىسىگە ئاساسلىنىش لازىم، ھامىلىدارلىقنى توختىتىش قاتارلىق ئالاھىدە تېببىي تەدبىر قوللىنىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. ئۇ، بۇ بىر قىسىم كىشىلەر توپىغا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە زىيارەت قىلىش ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈشنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بەردى.

  ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن ماسكىنى ئېلىۋېتىشكە بولامدۇ؟

  جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېڭ زىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر دۇنيادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا داۋاملىق تارقىلىۋاتىدۇ، دۆلەت ئىچىدە ۋاكسىنا ئەملەش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن، تارقىلىشى يۇقىرى رايونلاردىن كەلگەن خادىملار ياكى بۇيۇملارنىڭ چېگرادىن كىرىشى سەۋەبلىك، چېگرا ئىچىدە تارقىلىش خەۋپى يەنىلا بار. ئۇ مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: دۆلىتىمىزدە كىشىلەر توپىغا ۋاكسىنا ئەملەش بىرقەدەر يۇقىرى ئىممۇنىتېت سەۋىيەسىگە يېتىشتىن بۇرۇن، مەيلى ۋاكسىنا ئەملەش ياكى ئەملىمەسلىكتىن قەتئىينەزەر، كىشىلەر توپلاشقان ئۆي ئىچى ياكى يېپىق سورۇنلاردا ئامما يەنىلا داۋاملىق ماسكا تاقاپ، شەخسىي تازىلىق ئادىتىنى ياخشى قىلىشى ھەم ھەرقايسى جايلارنىڭ كونكرېت ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىر-تەلەپلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

  ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىنكى ناچار تەسىرى قايسىلار؟

  «نۆۋەتتە ئۆلچەنگەن ناچار رېئاكسىيە ئاساسلىقى قىسمەن ۋە پۈتۈن بەدەنلىك رېئاكسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» ۋاڭ خۇاچىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قىسمەن ناچار تەسىرلەر، مەسىلەن، ئاغرىش، قىزىرىپ ئىششىش، قاتتىق تۈگۈنلىشىش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ھاجەتسىز، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، پۈتۈن بەدەندىكى ناچار تەسىرلەر باش ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، تۆۋەن قىزىتما ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە تاپشۇرۇۋالغان ناچار رېئاكسىيە دوكلاتى گۇمانىي ناچار رېئاكسىيە بولۇپ، يەنى گۇمان ۋە ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋەتلىك رېئاكسىيەگە تەۋە. بۇنىڭدىن كېيىن، بىر قەدەر ئېغىر بولغان ناچار تەسىرىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، تولۇقلاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەملەش تارىخى، كېسەللىك ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئىگىلەپ، ئاندىن مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى دىياگنوز قويىدۇ. ۋاڭ خۇاچىڭ: «مەيلى كىلىنىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىسى بولسۇن ياكى جىددىي ئىشلىتىلىدىغان تەتقىقات نەتىجىسى بولسۇن، بازارغا سېلىنغاندىن كېيىنكى كۆزىتىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسىنىڭ ناچار رېئاكسىيە يۈز بېرىش ئەھۋالى ئىلگىرىكى بازارغا سېلىنغان ۋاكسىنىنىڭ ئوخشاش تۈردىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، نەتىجىسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىنورمال ئەھۋال كۆرۈلمىدى»، دېدى.

  ۋاكسىنا ئەملىگەندىن كېيىن يەنە يۇقۇملىنامدۇ؟

  ۋاڭ خۇاچىڭ: «ئومۇمەن ئېيتقاندا، ۋاكسىنا كۆپ ساندىكى كىشىلەردە قوغداش كۈچى پەيدا قىلىپ، ئىممۇنىتېت توسۇقى قۇرۇش رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، ۋاكسىنىنىڭ ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.» چەت ئەلدە ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان ۋاكسىنىنى بازارغا سېلىشنى باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ۋاكسىنا ئەملىنىپ بولغاندىن كېيىن، ھەقىقەتەن ئاز بىر قىسىم كىشىلەردە قوغداش مەغلۇپ بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلدى، دېدى. ئۇ مەغلۇب بولغان ئايرىم مىساللارنى تەتقىق قىلىدىغانلىقىنى ۋە تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش كاپالەت ئەھۋالى قانداق؟

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىستېمال بۇيۇملىرى سانائىتى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ماۋ جۈنفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر بەش خىل ۋاكسىنا شەرتلىك بازارغا سېلىندى ياكى جىددىي ئىشلىتىشكە تەستىقلاندى، بۇلار ئۈچ خىل ئاكتىپسىزلاندۇرۇش ۋاكسىنىسى، بىر خىل بەز ۋىرۇسى توشۇغۇچى ۋاكسىنىسى، يەنە بىر خىل قايتا گۇرۇپپىلانغان ئاقسىل ۋاكسىنىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرقى ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قارىغاندا، پۈتۈن يىللىق ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەش ئېھتىياجىنى تامامەن قاندۇرالايدۇ.

  ھازىرقى باسقۇچتىكى سەپەرگە چىقىش سىياسىتى قانداق؟

  مى فېڭ مۇنداق دېدى: «2021-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش بىخەتەر ئاخىرلاشتى.» ھازىر، دۆلەت ئىچىدىكى خەۋپ-خەتىرى تۆۋەن رايونلاردا ساغلام يۈرۈش «يېشىل كودى» بار بولسا، تېمپېراتۇرا ئۆلچىگەندە نورمال بولسا ھەم شەخسىي قوغدىنىشنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە تەرتىپلىك سەپەرگە چىققان بولسا، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆز مەيلىچە كۆپلەپ تەلەپ قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇدا 31 كۈن يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار بولمىغاندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى شەنشى ئۆلكىسى يەرلىكتە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىر ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارنى دوكلات قىلدى. بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى يەنىلا باشتىن-ئاخىر چىڭىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. يېڭىدىن كۆپەيگەن تارقاق بىمارلاردىن بىرى بايقالسا، بىرىنى يوقىتىپ، كۆلەم خاراكتېرلىك قايتا كۆپىيىشنىڭ كۆرۈلمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ