مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جايلار، تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ئورۇنلاشتۇردى ___

پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى

(كۈرەشكە تولغان 100 يىللىق مۇساپە، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش − پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش)

2021.03.22 18:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار تارىخنى ئۆگىنىپ قائىدىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەخلاقنى قەدىرلەپ، تارىخنى ئۆگىنىپ ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ قىياپەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى جاسارەت بىلەن باشلاپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.»

  بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى خۇلاسىلەش، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىش، ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئاتلىنىش

  پۈتۈن پارتىيەدە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئاتلىنىشى كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بۆلۈم نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش ۋە پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، مىنىستىرلىق، ئورگانلاردىن پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تەشكىللەش ۋە ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىشقا قاتنىشىش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى؛ پۇختا، چوڭقۇر پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ئارقىلىق، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.

  ئالاقىدار تەلەپلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مىنىستىرلىق، ئورگانلارنىڭ پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى ۋاقتىدا تۈزۈپ تارقىتىپ، ئىلگىرىلەش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئۆگىنىش-ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە تۈرتكە بولۇش، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن مىنىستىرلىق، ئورگانلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇردى. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يەنە مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي دەرسى ۋە كادىرلارنىڭ زۆرۈر ئۆگىنىش دەرسى قىلىپ يىللىق تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئەلا سۈپەتلىك تەربىيەلەش بايلىقىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈشىگە تۈرتكە بولدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى، بولۇپمۇ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە ئاساسىي تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنىڭ 100 يىللىقى» قاتارلىق نۇقتىلىق كىتابلارنى تۈزۈشكە تەشكىللىدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پارتىيەمىزنىڭ يۈكسەك تارىخىي ئاڭلىقلىقى، تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ قانداق غايە-ئېتىقاد، سىياسىي پەزىلەت، روھىي ھالەت بىلەن كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاش، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش يولى ئىكەنلىكى، تارىخىي تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچلەرنى رىغبەتلەندۈرۈشتىكى چوڭقۇر تەدبىر ئىكەنلىكى، سىياسىي ئاڭنى تاۋلاش، سىياسىي ئىقتىدارنى چېنىقتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق تەدبىر ئىكەنلىكى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى چۈشىنىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش تەلىپىنى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە تارىخىدىن تىرىشىپ مەنىۋى كۈچ ۋە ئەقىل-پاراسەت ئوزۇقى ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىنى كۈچەپ ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تىرىشىپ يېڭى كەيپىيات، يېڭى قىياپەت ئارقىلىق «14-بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىدە ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە بولۇش كېرەك.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېتىقاد ئارقىلىق ئوقۇتۇش، پەن تەتقىقات، باشقۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئېتىقاد ئارقىلىق تەربىيەلەنگۈچىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرگە ئېتىقادنىڭ كۈچى، ئىدىيەنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سەپەرۋەر قىلدى، ئورۇنلاشتۇردى ھەم «100 يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىش» توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى، نېمە ئۈچۈن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىدىن نېمىنى ئۆگىنىش، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق قانداق مەقسەتكە يېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلىدى ۋە چۈشەندۈردى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى سىن شەكلىدە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پۈتۈن سىستېمىدىن سىياسىي يېتەكچىلىكنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسلىكنىڭ ئاساسىي يوللۇق رولى، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولى، تور بوشلۇقىنىڭ مۇھىم سۇپىلىق رولى، تەتقىق قىلىش، ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ چوڭ دەرسخانىلىق رولى، پارتىيە تارىخى پەن قۇرۇلۇشى ۋە تەتقىقات قوشۇنىنىڭ تىرەكلىك، كاپالەتلىك رولى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن پەن تەتقىقات تۈرى ۋە تەتقىقات سۇپىسىنىڭ يېتەكچىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشتا، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش شەرت. جايلار، تارماقلار تېزدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇردى.

  تيەنجىن شەھىرى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەيلى قايسى خىزمەت ئورنىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، ئۆگەنگەندە پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگەنگەندە ئويغىنىش، ئۆگەنگەندە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  شاڭخەي شەھىرى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىلار)نىڭ مۇناسىپ رەھبەرلىك ئاپپاراتى ۋە خىزمەت ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۆزىگە قاراشلىق رايون، تارماق، ئورۇنلارنىڭ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  چۇڭچىڭ شەھىرى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لاردىن سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرىدىن بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ئۈلگە بولۇپ، ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت-ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، سۇچىلىق مىنىستىرلىقى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى؛ پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم چىڭ تۇتۇشنى تەلەپ قىلدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەسىنىڭ مەزمۇنى، شەكلى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى

  پارتىيەمىزنىڭ 100 يىلى ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە ئىرادە باغلىغان 100 يىل، جاپاغا چىداپ ئىشلەپ، ئاساس سېلىپ ئىگىلىك تىكلىگەن 100 يىل، شانلىق كەلگۈسىنى يارىتىدىغان 100 يىل. بىز تارىختىن ئىبارەت بۇ «ئەڭ ياخشى دەرسلىك»نى ياخشى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

  3-ئاينىڭ 12-كۈنى چۈشتىن كېيىن، «تۆمۈر ئارمىيە روھى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشماقتا» ئاساسىي تېما پائالىيىتى جياڭشى نەنچاڭدىكى يېڭى 4-ئارمىيە ئىشتابىنىڭ كونا ئورنى كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. پېشقەدەم جەڭچى لى تەنچىڭ، يې داۋچىڭ مۇنبەرگە چىقىپ، مىڭغا يېقىن ئاڭلىغۇچى بىلەن ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن ئىنقىلابىي ئۇرۇش ھېكايىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى جەنچيەن يولى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى يەن جياجۈن: «ئىككى بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ، بۈگۈنكى بەختنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھېس قىلدىم، مەن ياخشى ئۆگىنىپ، دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن»، دېدى.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىدە، جياڭشى ئۆلكىسىدىكى 2900 دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي كونا جاي ۋە ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى (مۇزېيلار) مول دەرسخانىغا ئايلىنىپ، ئۆگىنىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، تەربىيەلەش ۋاسىتىسىنى بېيىتىش ئارقىلىق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنى ئېتىقادنىڭ كۈچىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا يېتەكلىدى.

  «يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، بىر ئاتنىڭ خۇرۇم ئەۋرىشكىسى تىزىلغانىدى... ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى جەڭگە ئاتلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان غوجايىنىغا ئوخشايتتى... » بۇ، «ماۋ زېدۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئېتى» ناملىق قىسقا سىننىڭ چۈشەندۈرۈلۈش سۆزى ئىدى.

  يېقىندا، شەنشى يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى ساقلانما بۇيۇملار ئىچىدىن 100 قىممەتلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى تاللاپ، قىزىل ھېكايە «يەنئەن، يەنئەن» يۈرۈشلۈك قىسقا سىن فىلىملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلەپ، مۇددەتكە بۆلۈپ سىرتقا تارقاتتى. خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شياۋجيەن: «قىسقا سىندا ھېكايە سۆزلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، قىزىل مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشتىكى ‹جانلىق دەرسلىكى›گە، يەنئەن روھىنى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىكى ‹ئوزۇقلۇق دورىسى›غا ئايلاندۇرۇپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى تېخىمۇ جانلىق قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن»، دېدى.

  ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەزمۇن، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قىزىل بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىش، نادىر پارتىيە دەرسى بەرپا قىلىش، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش-تەربىيەنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي-قانۇن كومىتېتى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا رەھبەرلەر ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، شەخسلەر ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، كوللېكتىپ تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش، ئورگانلار ئۆگىنىشنى باھالاش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆگىنىشنى تەكشۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشتە مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشتە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى؛ يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، كىتاب ئوقۇش كۇرسى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى مەخسۇس تېما بويىچە قانات يايدۇرۇپ، دەرسلەرنى قاتلام، ساھە بويىچە كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەشنى تەكىتلىدى...

  «قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىدىكى بەزى شاكىچىكلەر سەپتىن چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن، ئۇخلىغاندا بىر تال ئارغامچا بىلەن ئۆزىنى بەنجاڭ بىلەن باغلاپ قوياتتى» __، گۇاڭشى بەيسې خاتىرە سارىيىدا، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ جانلىق بايانى، نۇرغۇن جانلىق سۈرەت ۋە ھۆججەتلەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى تارىخىي مۇھىتقا چۆمدۈردى.

  قىزىل ئارمىيەنىڭ كىچىك جەڭچىلىرى ئالدىغا ماڭسا قايەرگەبارىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى، لېكىن ئۇلار پەقەت قىسىمغا ئەگىشىپ ماڭسىلا، پارتىيە تەشكىلاتىغا ئەگىشىپ ماڭسىلا، چوقۇم يورۇقلۇقنى كۆرگىلى بولىدۇ، دېگەن ئېتىقادقا ئىگە ئىدى. جەنۇب ئېلېكتىر تورى بەيسې توك بىلەن تەمىنلەش ئىدارىسى پارتىيە ۋە ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەن شىنيەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇنداق پارتىيە تارىخى تەربىيەسى بىزنى بىر مەيدان مەنىۋى تاۋلىنىشقا ئىگە قىلىپ، غايە-ئېتىقادىمىزنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، خىزمەتتە نەتىجە يارىتىش قىزغىنلىقىمىزنى قوزغىدى.

  پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى خىزمەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش __ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق ئۇلۇغ كۈرەش مۇساپىسىدە داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ-قۇۋۋەتنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئارقىلىق پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگىنىش ئارقىلىق چۈشىنىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشىش كېرەك.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھۆججەت تەييارلاش، سىياسەت تۈزۈش، يىرىك پىلان تۈزۈش، تۈرلەرنى تەستىقلاش قاتارلىق كونكرېت خىزمەتلەردە گەۋدىلەندۈرۈپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، ئۆز خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. سودا مىنىستىرلىقى پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ بەرپا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى تىرىشىپ راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قوش ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پارتىيەنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاقابىل تۇرۇشتىكى مول تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇشتىكى تەييارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ بىر مۇھىم ۋەزىپىسى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى غايە-ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشتۇر. 3- ئاينىڭ 14- كۈنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ رۇدۇڭ ناھىيەسىدە «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن»ئەمەلىيەت يۈرۈشلۈك پائالىيىتى __ «100 يىلغا ئېھتىرام بىلدۈرۈش، سەمىمىي رۇدۇڭ ھەرىكەتتە»نى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشقا كېرەكلىك كىيىم-كېچەك، تاماق، تۇرالغۇ، قاتناش ۋە مائارىپ قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ نەق مەيداندا مەسلىھەت سوراشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىشنى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش، رېئاللىققا يۈزلىنىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئاساس سالىدىغان، كەلگۈسىگە پايدىلىق ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئاممىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم-ئەندىشە قىلىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشەن شەھىرىدە، شەھەرۋاسىتەئەلرايى تورى تەسىس قىلىپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما، كارخانىلار بىلەن پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بىرلىكتە ماسلىشىپ، دەۋا تەلىپىنى قوبۇل قىلىش، بېجىرىش، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر يۇغۇرۇلغان خىزمەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى.

  مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ يول چىرىغى يانمىسا، مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ لىفىتى بۇزۇلۇپ قالسا، مەلۇم ئولتۇراق رايوندا ياشانغانلارنىڭ ھەرىكىتى قولايسىز بولسا ... قاتارلىق ئىشلاردا ئەلرايى تورى ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ، بىز بىرىنچى بولۇپ نەق مەيدانغا بېرىپ مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھىرى لىشەن رايونى سانائەت مەھەللىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ۋۇ دەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق مەن پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندىم. ئامما نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىمىز، ئاممىنىڭ ئىنكاسى گەۋدىلىك بولغان مەسىلە نېمە بولسا، بىز شۇنى كۈچەپ ھەل قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ