مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش نامراتلىقتىن قۇتۇلغان 9 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزدى

نامرات ئۆيدىن كۆچۈپ چىقىپ، يېڭى تۇرمۇش كەچۈرۈش

(كۈرەشكە تولغان 100 يىللىق مۇساپە، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جاۋاب قەغىزى)

2021.03.19 19:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قېتىم كۆچۈرۈش بەدىلىگە كەلگەن بىر مۇنچە خۇشال چىراي! سەنشى چاڭجىنىڭ خۇگۇەن ناھىيەسى فۇشىن مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونىغا كۆچۈرۈلگەن ئاھالە جاۋ ۋەنشېڭ ئازادە، يورۇق مېھمانخانا ئۆيدا ئولتۇرۇپ، خوشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئۆي ياخشى بولۇپلا قالماي كېسەل كۆرسىتىش، مال سېتىۋېلىش، بالىلار مەكتەپتە ئوقۇش، ھەممىسى قولايلىق ئىكەن!»

  ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش كىشىلەرنىڭ ئالقىشقا ئېرىشتى! كۆز يەتكۈسىز گۈل-چېچەكلەر خۇددى شايى رەختكە ئوخشايتتى، خۇنەن ئەنخۇا چاشياڭ يېزىسىنىڭ گۈل-چېچەك ئېكولوگىيە سىناق باغچىسى يەنە گۈل سەيلىسى پەسلىنى كۈتۈۋالدى، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشتە كۆچۈرۈلگەن ئاھالە خۇاڭ جيەنچاۋ توكسىكلىتنى ھەيدەپ تەرەپ-تەرەپكە چاپتى، ئۇ: «كىرىمىمىز مۇقىم، مۇھىتىمىز ياخشى، كۆڭۈل خاتىرجەم»، دېدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باشقا جايغا كۆچۈرۈش − بىر جاينىڭ سۇ، تۇپرىقى شۇ جايدىكى كىشىلەرنى باقالماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ يولى، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ مۇھىم يولى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 9 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، 35 مىڭ مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش رايونى قۇرۇلدى؛ ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، نامرات رايونلار 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق يېقىن ئارىلىقتىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايونلارنى گۈللەندۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تۇڭ جاڭشۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «‹نامرات جايدىن كۆچۈپ كېتىش›، ‹نامرات كەسىپتىن ئالمىشىش›، ‹ نامراتلىقنىڭ يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش› ئارقىلىق، كۆچۈرۈلگەن ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىش مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىندى.»

  نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش: كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 دىن ئارتۇق ئادەم نامرات ئۆيلەردىن كۆچۈپ چىقتى

  يۈننەن جاۋتۇڭنىڭ داگۇەن ناھىيەسى مۇگەن بازىرى گەندىڭ كەنتى ئاھالىسى چېن شاۋفاڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆمرۈمدە ئىككى يىل بۇرۇنقى قىشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن، 4000 دىن ئارتۇق دېھقان تاغ بېشىدىكى كەپىدىن جىڭئەن يېڭى رايونىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۆيى قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

  «ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم لىفىتقا ئولتۇرۇشۇم، ئۆيدە سىملىق تېلېۋىزور، ئېلېكتىر ماگنىتلىق ئوچاق، توك قازانلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەن، ئاخىرى تاغدىن كۆچۈپ كېتىش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى»، __ چېن شاۋفاڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش سىياسىتى ئېلىپ كەلگەن ياخشى كۈنلەرنى ئەسلەپ، كۆزلىرى نەملەشتى.

  تاغدىن چۈشۈپ ماكانلىشىش ئۈچۈن، ئاۋۋال يېڭى ئۆي سېلىش كېرەك، تاغلىرى ئېگىز، جىلغىلىرى چوڭقۇر جاۋتۇڭ شەھىرىدە چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىن 30نى قۇرۇش كېرەك، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككىسىدە 35 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بار بولۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئىككى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ناھىيە بازىرىغا باراۋەر كېلىدۇ.

  ۋاقىت قىس، ۋەزىپە ئېغىر، قۇرۇلۇشچىلار كېچە-كۈندۈز توختىماي قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. 2019-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىندى، قۇرۇلۇشچىلار چاغانلىق دەم ئېلىشتىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاز كەچتى. جۇڭگو قۇرۇلۇش 1-ئىدارىسى جىڭئەن يېڭى رايونى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ باش ئېنژىنېرى سۈن شاۋچيۇ مۇنداق دېدى: «جىڭئەن يېڭى رايونىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى، تېمپىراتۇرىسى تۆۋەن، ۋاقىتلىق ئىجارىگە ئالغان ئۆيلەردە ئىسسىنىش ئۈسكۈنىلىرى تېخى سەپلەنمىگەن بولغاچقا، بىز ئۇخلىغاندىمۇ پاختىلىق چاپان كىيىشىمىز كېرەك.»

  نامراتلارنى يۆلەش كادىرلىرى كەنتلەرگە بېرىپ، ئائىلىلەرگە كىردى. خېبېيدا، 166 مىڭ ئادەم يەنشەن تېغى ۋە تەيخاڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلىق رايون، توسما ئۈستىدىكى ئېگىز سوغۇق رايوندىن كۆچۈپ چىقتى؛ خېنەندە 260 مىڭغا يېقىن ئادەم «ئۈچ تاغ»دىن ئايرىلىپ، «توققۇز جىلغا، 18 ئاچال» بىلەن خوشلاشتى؛ سەنشىدە 130 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم لۈلياڭشەن، يەنمېنگۇەندىن چىقىپ، «تاغلىق كەنتتىكى كەپە»دىن كۆچۈپ كەتتى... دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 2 مىليون 660 مىڭ يۈرۈشتىن ئارتۇق ئەمىن ئۆي سېلىنىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاممىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەن، بۇ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى 5000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامرات ئۆيلىرىدىن كۆچۈپ چىققانلىقىغا باراۋەر بولۇپ، «13-بەش يىل» مەزگىلىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملانغان.

  يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىش پەقەتلا بىرىنچى قەدەم. «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلەت جەمئىي 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق تۈرلۈك مەبلەغ سېلىپ، ئەمىن تۇرالغۇ ئۆي سېلىپلا قالماي، جايلار يەنە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ ئىچى-سىرتىدا 89 مىڭ كىلومېتىر يول، 50 مىڭ يۇندا بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى، 56 مىڭ ئەخلەت بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇردى؛ يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە بالىلار باغچىسى 6100 دىن، دوختۇرخانا ۋە مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى 12 مىڭدىن، كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسى 3400 دىن، مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنى 40 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەشنىڭ «كېيىنكى يېرىم ۋەزىپىسى» ھەقىقىي ياخشى تاماملاندى.

  ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش: 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەش

  باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلدى، سىچۈەن ئۆلكىسى ۋاڭساڭ ناھىيەسى بەيشۈي بازىرى يۇڭگەن كەنتى يەنە قىزىپ كەتتى. «يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ھەممىسى نەقلەشتى، ئاي ئاخىرىدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىدۇ»، دېدى يۇڭچۈەن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى شۈ شىرۈن.

  2016-يىلىنىڭ ئاخىرى، يۇڭگەن كەنتىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە كۆچۈرۈلىدىغان كەنتنى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا ئاھالىلەر كۆچۈپ كىردى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 51 نامرات ئائىلە بار. ناھىيە يۇڭگەن كەنتىنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئائىلىلىرىنىڭ ئۆي سېلىش مەبلىغى ئۈچۈن 2 مىليون 675 مىڭ يۈەن ۋە يانداشما ئەسلىھە قۇرۇلۇش مەبلىغى ئۈچۈن 3 مىليون 570 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئالدى بىلەن ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن ئىشچى قوبۇل قىلىپ، مەبلەغنىڭ %30ىنى ئەمگەك كۈچى چىقىمىغا ئىشلەتتى.

  «يول ياساش، ئېرىق-ئۆستەڭ چېپىش قۇرۇلۇشىدا بىر كۈن ئىشلىسە مۇقىم 70 يۈەن تاپقىلى بولىدۇ.» نامراتلىقتىن قۇتۇلغان جاڭ ۋېنسەي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى تاغدا ئالىقانچىلىكلا يېرىم بار ئىدى. ھازىر ئازادە ئۆيدە ئولتۇرۇپلا قالماي، يەنە يەر تېرىيمەن، ئىشلەمچىلىك قىلىمەن، ھەر ئىككىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ، بەك راھەت.»

  5.3 كىلومېتىرلىق كەنت يولىنى قاتتىقلاشتۇرۇش، يول چىرىغى ئورنىتىش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرنى تۈزەش... تۈرلۈك قۇرۇلۇشلار سىجىل ئالغا سىلجىتىلىپ، پۈتۈن كەنتنىڭ قىياپىتى يېڭى تۈسكە كىردى. «ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئارقىلىق، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى نامرات ئائىلىلەرنى ئادەم كۈچى، ئەمگەك كۈچى چىقىرىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا ياردەم بەردى.»

  ۋاڭساڭ ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئىدارىسى ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقى جاۋ شىخېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيە ھەرقايسى كەنتلەردىكى نامرات ئاھالىلەرنى تۈر قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا 948 ئادەم قېتىم تەشكىللەپ، 840 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئەمگەك ھەققى تارقاتتى.

  ۋاڭ ساڭلا ئەمەس، گەنسۇ لۇڭنەن شەھىرىنىڭ ۋۇدۇ رايونى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەيدىغان ئاممىنى يانتۇلۇقنى قوغداش، سۇ چىقىرىۋېتىش ئۆستىڭى ۋە مەيدان رايونىدىكى غول يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش قاتارلىق قۇرۇلۇشلارغا قاتنىشىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلىدى؛ خۇنەننىڭ ئەنخۇا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تۈرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، مۈلۈكنى پايغا سۇندۇرۇپ مىقدارلاشتۇرۇپ پايدا تەقسىملەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشتىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى يەنىمۇ كېڭەيتتى.

  «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئىش بېرىپ قۇتقۇزۇش سېلىنمىسى جەمئىي 30 مىليارد يۈەنگە يېقىنلىشىپ، نامرات رايونلارنى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق قىسقا مۇددەتلىك يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئىشلەمچىلىك قىلىشقا قاتناشقان نامرات ئاممىغا 4 مىليارد يۈەنگە يېقىن ئەمگەك ھەققى تارقىتىپ بېرىلدى، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى 20 نەچچە ئۆلكىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئاساسىي ئېتىز-ئېرىق، يېزا-كەنت يولى، سۇ-تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەش، ئورمانچىلىق، ئوتلاق قۇرۇلۇشى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشىغا مەدەت بەردى. نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن يۆلەش، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ تۈرلەر تۈركۈم-تۈركۈم نامرات ئاممىنىڭ مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۇشى، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈشى، شەرەپلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلار يېڭى تۇرمۇشنى باشلىدى.

  يۇڭگەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئوۋ يۇڭچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتنىڭ سۇ، توك، يول تورى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە كەمتۈكلۈكلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىشىغا ئەگىشىپ، كەسىپ تەرەققىياتى مۇۋاپىق شارائىتقا ئىگە بولدى. 2018-يىلى، يۇڭچۈەن كەنتىدە يۇڭچۈەن تېرىقچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، كەنتتە ئورگانىك شال، جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، ياڭاق قاتارلىق خاس كەسىپلەر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، پۈتۈن كەنت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش: سېتىلغان خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 600 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

  بىر رېلىس، بىر پويىز، قاتار ئاق تام، كاھىشلار، كۈلكە ئاۋازى، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى، سۇنىڭ ئاققان ئاۋازى خېنەن لوياڭ لۇەنچۈەن ناھىيەسى شىننەن كەنتى تۆمۈريول بازىرىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزدى.

  «بۇلتۇر ساپ كىرىمىمىز 50 مىڭ يۈەنگە يەتتى، بۇ يىل چاغاندا دېھقانلار ئارامگاھىمىزدا بوش ئۆيمۇ قالمىدى!» كەنت ئاھالىسى چياۋ لىڭ راڭپىزا يايمىسىنىڭ ئالدىدا ھېسابات قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى، «ئەينى چاغدا، تۆمۈريول كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار بىزنى دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا بۇيرىغاندا، ئانچە خاتىرجەم بولالمىغانىدىم، ھازىر قارىسام، بۇ يولدا توغرا مېڭىپتىمەن!»

  تۆت دەريا، ئۈچ تاغ، ئىككى دەريا جىلغىسىدىن كۆچۈپ چىققان شىننەن كەنتىدىكى دېھقانلارمۇ ئىلگىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرسەك، نېمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىمىز؟ دەپ ئەندىشە قىلاتتى.

  2018-يىلى، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان، يۆلەيدىغان دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى «تۆمۈريول مەدەنىيەت ئامىلى + مەركەزلىك كۆچۈرۈش + پۇقراۋى قونالغۇ ساياھىتى»دىن ئىبارەت تۆمۈريول كىچىك بازىرى تۈرىنى يولغا قويۇشنى قارار قىلىپ، 6 مىليون 80 مىڭ يۈەن مەبلەغنى دەرھال نەقلەشتۈرۈپ پويىز، ۋاگون قاتارلىق تۆمۈريولدىكى كېرەكسىز، كونا ماددى ئەشيالىرىنى شىننەن كەنتىنىڭ مەركەزلىك كۆچۈرۈش نۇقتىسىغا توشۇپ كېلىپ، تۆمۈريول مەدەنىيەت مەنزىرىسى ۋە پويىز باش تېمىسىدىكى ئاشخانىلارنى قۇردى. «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېھقانلار مېھمانخانىسى قۇرۇپ، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنى كەنتكە كېلىپ يەپ-ئىچىش، تۇرۇشقا جەلپ قىلغاندا، ساياھەت ئىستېمالىغا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.» دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى لۇەنچۈەن ناھىيەسى شىننەن كەنتىدە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ۋاڭ يەنخۈي كەنت ئاھالىلىرىگە ئۇزاق مۇددەتلىك ھېسابات قىلىپ بەردى.

  چياۋ لىڭ كەنتتە تۇنجى بولۇپ دېھقانلار مېھمانخانىسى، دېھقانلار ئاشخانىسى ۋە قوشۇمچە يېمەكلىك دۇكىنى ئاچقان. جۇڭدۇگۇ، جۇخەي ياۋايى ھايۋانات باغچىسىغا 40 مىنۇتتىلا بارغىلى بولىدىغان قولايلىق جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت مېھمانخانىسىنىڭ ئەرزان ۋە ئەلا سۈپەتلىك مۇلازىمىتىدىن پايدىلىنىپ، چياۋ لىڭنىڭ دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ سودىسى تەدرىجىي جانلاندى. «بۇلتۇر يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولساممۇ، لېكىن ئارامگاھتا ‹1 – ماي›دىن كېيىنكى ھەممە ھەپتە ئاخىرى ئاساسىي جەھەتتىن توشۇپ كەتتى!»

  2019-يىلى تۆمۈريول كىچىك بازىرى تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، لۇەنچۈەن ساياھەت ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئېلانى ۋوگزال ۋە پويىزلاردا بېرىلدى، لۇەنچۈەن ساياھەت مەخسۇس پويىزى 13 مىڭ 694 ساياھەتچىنى شۇ جايغا ساياھەتكە ئاپىرىپ، 300دىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچىنىڭ يېزا-كەنت ساياھەت ئىستېمال كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شۇ يىلى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 5000 يۈەندىن 25 مىڭ يۈەنگىچە ئاشۇردى. «لۇەنچۈەن تەسىراتى» پۈتۈن رايوندىكى داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلات «ۋوگزالغا كىرىپ»لا قالماي، يەنە تور ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، 5250 نامرات ئاھالىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1100 يۈەندىن ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

  نىشانلىق سېتىۋېلىش، سېتىۋېلىشنى ياردەمنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، سېتىۋېلىشنى ئىئانە قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش-مال يەتكۈزۈش ... دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىنىڭ بېشىدىن 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار نامرات رايونلارنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ۋە سېتىشقا جەمئىي 600 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق ياردەم بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2020-يىلى 440 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، 2019-يىلىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن ئاشقان.

  «بۇ يىل چاغاندا، ئاشخانامنىڭ ئىسىم كارتىسى تالىشىپ تۈگىدى، بەزىلەر نەق مەيداندىلا ‹1 – ماي›لىق ياتاق زاكاز قىلدى!» سائەت 6دە ئورنىدىن تۇرۇپ ئوچاق ئالدىدا ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، چياۋ لىڭنىڭ كۈلۈپ ئاغزى يۇمالماي قالدى، ئۇ: «كۈنلىرىمىز ئەھمىيەتلىك ئۆتۈۋاتىدۇ!» دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ