سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، خاڭجوۋ شەھىرى لىنئەن رايونى بەنچياۋ بازىرىدىكى لىنئەن يېڭى 4-ئارمىيە تارىخىي خاتىرە سارىيىدا، 90 ياشلىق مېڭ يۇڭدى بوۋاي (سولدىن بىرىنچى كىشى) يېزا-بازارلاردىكى پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىغا ئىنقىلابىي تارىخ ۋە ئۆزى قاتناشقان ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھىرى لىنئەن رايونى بەنچياۋ بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، پارتىيە ئەھۋالىنى بىلىش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا-بازار ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىنى يېڭى 4-ئارمىيە خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەشكىللەش، كونا ئەسكەرلەرنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش، پارتىيە تارىخى بىلىملىرى مۇسابىقىسى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، كۆپچىلىكنى پارتىيە تارىخىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئېلىپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شۈ يۈ فوتوسى
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ