مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شياۋۋاڭ» نېمىشقا ناچار باھانى بېسىقتۇرالمايدۇ

2021.03.19 18:27 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، مەلۇم جايدىكى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىدە، بىر پارچە «باشقارما دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ كۆچەت تىكىش رايونى» دېگەن ۋىۋىسكا توردا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى، «كۆچەت تىكىشتىمۇ دەرىجىگە ئايرىپتۇ» دېگەن گۇمانلارغا قارىتا، شۇ جاي دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنى ئادەتتىكى خىزمەتچى «شياۋۋاڭ»نىڭ سەۋەنلىكى، دېدى. ئويلىمىغان يەردىن بۇ بايانات «ئوتنى ئۆچۈرۈلمەي»لا قالماستىن، ئەكسىچە «ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى»، تورداشلار بارغانسېرى غۇلغۇلا قىلىشتى.

  ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇلدى، كەچۈرۈم سورالدى، كۆپچىلىك نېمىشقا بولدى قىلمايدۇ؟ ناھايىتى روشەنكى، ئىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى كۆچەت تىكىش پائالىيىتىنى تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن يۆتكىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيەسىدىن نارازى بولۇشقا ئۆزگەردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ۋاقىتلىق ئىشچى»، «پىراكتىكانت» قاتارلىقلار بەزى جايلارنىڭ ئاممىۋى پىكىرگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قالقىنى بولۇپ قالدى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، كۆپچىلىك بۇ خىل «ئىش چىقسا مېنىڭ خاتالىقىم يوق»، «ھەممە خاتالىق تۆۋەندىكىلەردە» دەيدىغان پوزىتسىيەدىن ناھايىتى بىزار بولدى. ئەمدى «شياۋجاڭ»، «شياۋۋاڭ» دەيدىغان بايانلارنى كۆرۈپ، تەبىئىيكى، «گۇناھنى باشقىلارغا ئارتىش»تەك ھېس قىلدى.

  كۆچەت تىكىش ۋەقەسىدە كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن رېئاللىقتا، «گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇش»، «باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىش»تەك ھادىسىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇد، بۇنىڭ ئارقىسىدا، بىيۇروكىراتلىقنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرغانلار، مەيلى دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرگە بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك خادىملاردىمۇ ئۆتكەلنى ئىگىلەش، يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى بار. ئەگەر قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى قىلماي، قاتلاممۇ قاتلام تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، نەتىجە چىقسا ئۆزىگە تەۋە، مەسىلە كۆرۈلسە تۆۋەنگە دۆڭگەپ، قول ئاستىدىكىلەرگە ئارتىپ قويسا، بۇنداق رەھبەرنىڭ ئىناۋىتى، ئابرۇيىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

  بىز دائىم ئاممىنىڭ كۆزى روشەن دەيمىز. كىم ھەقىقىي ئىش قىلىدۇ، ھەقىقىي مەسئۇل بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ئايان، بۇنى ياپقىلى، ئىتتىرگىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىكنىڭ بىيۇروكراتلىق، شەكىلۋازلىق قاتارلىق ناتوغرا ئىستىللارغا يول قويۇش دەرىجىسى بارغانسېرى تۆۋەنلەپ كەتتى، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار چىراغ نۇرى ئاستىدا، تېلېكامېرا ئالدىدا خىزمەت قىلىشقا ئادەتلىنىشى، تەنقىدنى قوبۇل قىلىپ، سەمىمىي تۈزىتىشنىڭ پىسخىكىلىق تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئاممىۋى پىكىر ئالدىدا، ئەگەر يەنە باشقىلارغا دۆڭگەپلا قۇتۇلماقچى بولسا، پەقەتلا تېخىمۇ كۆپ ناچار باھالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تېخىمۇ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ.

  «مەن بىلەن ئىشلە» دېگەن سۆز بىلەن «ماڭا ئىشلە» دېگەن سۆز ئاڭلىماققا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما ئاسمان-زېمىن پەرقى بار. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، كىم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان بولسا، شۇ ئىناۋەت تۇرغۇزۇپ، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملىيەلەيدۇ. سىياسىي ئېكولوگىيەدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغاندىلا، «شياۋجاڭ»، «شياۋۋاڭ» قاتارلىقلار «باشقىلارنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالماي»، بەلكى ھەقىقىي ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كۆپرەك قىلالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ